دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-12-11 11:19:07

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشنى تونۇشتۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ، ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇڭ شۆ، ما جويەن) ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ، ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشنى تونۇشتۇردى.

ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ۋېيتنام سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەتلەر. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭنى زىيارەتكە كېلىشكە تەكلىپ قىلىپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ـ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقتى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلمىدى، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئالاقىسى قويۇق بولدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى.

ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق كۆپەيدى. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئوخشاشلا سوتسىيالىستىك دۆلەت، ھەر ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغداشقا پايدىلىق.

ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ، دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ، پارلامېنت رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دىققەتنى سىياسىي، خەۋپسىزلىك، ئەمەلىي ھەمكارلىق، خەلق رايى ئاساسى، كۆپ تەرەپلىك، دېڭىز مەسىلىسىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئۆزىگە خاس زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ياخشى مېڭىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىش يولىنى ئورتاق بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش