دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مۇھىم خەۋەرلەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-06-02 10:28:16

«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۈگىمەس مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۈگىمەس مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.

«ھەربىر خىل مەدەنىيلىك بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ئەۋلادمۇئەۋلاد قوغداشقا موھتاج، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، دادىل يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ موھتاج».

تارىخ تۇمانلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى نەچچە مىڭ يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تارىخىدا قېنىق، رەڭدار سەھىپىنى پۈتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋرنىڭ تارىخىي ئورنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مۇستەھكەم مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى، كەڭ تارىخىي نەزەر دائىرىسى، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىش ئارقىلىق، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنىڭ داۋاملىق گۈللىنىشى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋرگە نەزەر سالساق، مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئوزۇقىنى قوبۇل قىلىپ، يىلىكىگىچە چوڭقۇر سىڭگەن مەنىۋى تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، چوڭقۇر، جۇشقۇن جۇڭگو كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، چەكسىز مۇستەھكەم تارىخىي ئىشەنچ ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچى ئارقىلىق، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە مەردانە قەدەم تاشلىدى.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛ ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەش؛ ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى سەھىپە ئېچىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ دۇنيانى قەلبكە پۈكۈپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشتەك مەدەنىيلىك يولىنى بەرپا قىلىش.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: چوڭ يۈزلىنىشكە ئۇيغۇنلىشىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، داغدام يولدا مېڭىپ، ئېجىل - ئىناقلىقنى كۆزلەش كېرەك.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىدىن ئۈزلۈكسىز ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت قوبۇل قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ سەلتەنەتلىك يۆگىمە رەسىمىنى ئورتاق سىزىپ چىقىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش