دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭغا ياردەم بېرىش

11 ـ تۈركۈمدە جېجياڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-24 12:28:19

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، 11 ـ تۈركۈمدە جېجياڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئۆتكۈزۈلدى، تەربىيەلەش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئاقسۇنىڭ رايون ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچى ۋە قابىليىتىنى ئۆستۈرۈپ، «ئىمتىھانغا بېرىش» روھىي ھالىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا كۈچ قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋۇ خۇڭجەن ۋىلايەتتىكى تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك بەنزىسىگە ۋاكالىتەن 11 ـ تۈركۈمدە جېجياڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاقسۇغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، 13 يىلدىن بېرى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىر، ئىختىساسلىقلىرى ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ساداقىتى ۋە ئېتىقادىنى ۋىلايىتىمىزنىڭ كەڭ زېمىنىدا نامايان قىلىپ، كىشىلىك ھايات مۇھەببىتىنى ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىغا بېغىشلاپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پائال تۆھپە قوشتى. شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاقسۇغا ياردەم بېرىش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشىنى، ئاقسۇغا ياردەم بېرىشنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى؛  

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇپ، پۇختا ئىستىل ۋە ئەمەلىي پوزىتسىيە بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى؛ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، ئاقسۇغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاقسۇغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاقسۇ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيەتكە، بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسى ياخشى، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىۋاتىدۇ، تەرەققىيات ئاساسى پۇختا، مۇقىم، سىياسەتنىڭ گىرەلىشىش ئىستىقبالى كەڭ، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاقسۇنى تېزراق چۈشىنىپ، ئاقسۇغا تېزراق سىڭىپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ دەرىجىسىنىڭ سىستېمىلىق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، يېڭىلىنىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر، ئىختىساسلىقلار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەش، جان تىكىپ ئېلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ئەقلىي كۈچ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ياردەم بەرگەن ۋە ياردەمگە ئېرىشكەن تەرەپلەر تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، ماسلىشىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتنىڭ پۇختا، ئىنچىكە، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

  ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن گو تاۋ، جۇ لېي ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش