دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

تېكەس ناھىيەسىدە ئېكولوگىيەلىك سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق كەسپى يېزا-كەنتلەردىكى ئالقىشلىق كەسىپكە ئايلاندى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2023-09-26 10:10:12

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭدا ئىچكى قۇرۇقلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، تېكەس ناھىيەسىنىڭ كۆكسۇ بازىرى سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىدىكى سالمون بېلىقى، رەڭدار ترۇت بېلىقى، ئالتۇن ترۇت بېلىقىمۇ ئىستېمالچىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقتى. يېقىندا، بۇ سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىدىكى باقمىچىلىق كۆلچەكلىرى كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى. تېكەس ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسى تەدرىجىي ھالدا بېلىجان يېتىشتۈرۈشتىن ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سوغۇق ساقلاش زەنجىرى بىر گەۋدە قىلىنغان ئېكولوگىيەلىك سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىنى شەكىللەندۈردى، بازىنىڭ قۇرۇلۇشى تېكەس ناھىيەسىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئەتراپتىكى 50 نەپەر دېھقان-چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر خەي رى جاڭ جېڭبىن)

تېكەس ناھىيەسى كۆكسۇ بازىرى سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىدىكى ئېرىگەن ئوكسىگېننى تەكشۈرۈش ئەسۋابى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىنىڭ باقمىچىلىق ئەندىزىسى قۇرۇقلۇقنى ئاساس قىلغان زاۋۇتلاشقان باقمىچىلىق بولۇپ، قۇرۇقلۇقنى ئاساس قىلغان زاۋۇتلاشقان باقمىچىلىق پاكىز، مۇھىت ئاسرايدىكەن. ئېقىن سۇ مىكروب ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن بېلىق كۆلچىكىگە قۇيۇلىدىكەن، چىقىرىۋېتىلگەن سۇ يىغىۋېلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ئوتلاقنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىكەن، بۇنىڭدا بۇلغانمىغان باقمىچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، سۇ بايلىقى تېجىلىدىكەن.

باقمىچىلىق كۆلچىكىدىكى بىر رەڭدار تروت بېلىقى. 2021-يىلى بۇ بازا شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كىرگۈزگەن بېلىق تۇخۇمى تېخنىكلارنىڭ تۇخۇمدىن چىقىرىشى ئارقىلىق بېقىلىشقا باشلىغان، نۆۋەتتە يىلىغا 400 مىڭ تال تەييار سالمون بېلىقى، رەڭدار سالمون بېلىقى ۋە ئالتۇن سالمون بېلىقى، يىلىغا 1 مىليون تال بېلىجان تۇخۇمدىن چىقىرىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش