دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى گۈزەل تۈسكە كىردى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-09-26 10:04:39

− 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى پەيتىدە

□جياڭ جۇڭپىڭ

9 - ئاينىڭ شامىلى ئالتۇن رەڭلىك سەھىپىنى ئاچقاندا، رەڭگارەڭ قۇياش نۇرى ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىققا گۈزەل، رەڭلىك تون كىيدۈردى، ۋاقىتنىڭ رەسىم قەلىمى بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ قىياپىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن سىزماقتا.

قاراڭ، بۇ بىپايان مۇنبەت تۇپراقتا زىچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى «ھاۋا يىپەك يولى»نى بەرپا قىلدى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «پولات كارۋان»نى ھاسىل قىلدى، ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان نېفىت - تەبىئىي گاز «يەر ئاستىدىكى ئۇزۇن ئەجدىھا»غا ئايلاندى... شەرقتە، ۋەتەننىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقى بىلەن دېڭىز بويى رايونلىرىنى زىچ تۇتاشتۇردى، غەربتە، ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا قۇچاق ئاچتى، بۇ «يىراقتىكى جاي» بىر يادرولۇق رايون، بىر تۈگۈن رايون بولۇپ قالدى.

قاراڭ، بۇ گۈزەل، خاتىرجەملىككە تولغان تۇپراقتا ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۈستىقۇددۇس كىشىنى رومانتىك ئارزۇغا ئىگە قىلدى، يالقۇنتاغ ئېتىكىدىكى ئۈزۈمزارلىق تۇرمۇشقا لەززەت بېغىشلىدى، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئانار گۈللىرى بەختكە تولغان چىرايلارنى جۇلالاندۇردى... پامىر ئېگىزلىكىدىن قاناس كۆلى بويىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن مېلودىيەنى ياڭراتتى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى گۈزەل تۈسكە كىردى. شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان يېڭى مۇساپىدە، 25 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل - قىز بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقماقتا.

«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك» بۇ، بارلىق مەسىلىلەرنىڭ جاۋابى، شۇنداقلا بارلىق لوگىكىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.

چىڭ كۆزلەش

شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى

تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى ھامان بەزى ۋاقىتلاردا چوڭقۇر مەنىلىك ئەكس سادا پەيدا قىلىدۇ.

2020 - يىلى كۈزدە، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى كېسىشكەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى»نى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ قېتىمقى يىغىن پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تارىخىدا مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ئەزەلدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن چېگرا رايون ئىدارە قىلىنىپ كەلگەن. 5700 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرا لىنىيەسىگە ئىگە شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى، بۇ تۇپراقنىڭ ئىناقلىقى، خاتىرجەملىكى پۇقرالارنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي يۈزلىنىشنى كۆزىتىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، يىراق كەلگۈسىنى پىلانلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ شىنجاڭ خىزمىتىنى كۆزەتتى ۋە پىلانلىدى. ھەر قېتىم شىنجاڭ خىزمىتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە شىنجاڭ ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، رول تۇتۇپ يول باشلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۈزلۈكسىز بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.

تارىخ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان، تەسىرى چوڭقۇر ۋە ئۇزاق بولغان ئاشۇ مۇھىم پەيتلەرنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.

2014 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى ۋەزىيەتتە، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇش كېرەك. بۇ، ھازىرقى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش نىشانى.» بۇ مۇھىم بايان يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

2014 - يىلى 5 - ئايدا، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، رەسمىي تۈردە جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىلدى ھەم «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشى بېكىتىلدى.

2017 - يىلى 3 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى يەنىمۇ تەكىتلەپ، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىغا زور ئىلھام بەخش ئەتتى.

2020 - يىلى 9 - ئايدا، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. يىغىن ئېچىلغان ئاشۇ پەيتتە، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ خىزمىتىدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر مىسلىسىز بولغانىدى. ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى ئۇرغۇتقانىدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تامامەن توغرا، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى، تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كونكرېت ھەرىكەت ۋە خىزمەت نەتىجىلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ ھەم رىغبەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

2022 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۈرۈمچى، شىخەنزە، تۇرپان، قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، خۇايۈەن بازىرى، بۇيلۇق... گۈللەپ ياشناۋاتقان مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ، باش شۇجى «چىن قەلبىمدىن خۇشال بولدۇم» دېدى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن قۇدرەتلىك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بېغىشلىدى.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بۇ 8 - ئايدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتقان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ: «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خىزمەت باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالىدىغان تارىخىي نەزەرگە موھتاج. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بىر قاتار نېگىزلىك، يۆنىلىشلىك، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى، ئۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى چوڭقۇر كۆزىتىشى ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال.

شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىگە موھتاج. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەم ئىككى نۇقتا نەزەرىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم مۇھىم نۇقتا نەزەرىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم بىلىش نەزەرىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم مېتودولوگىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن سىياسىي يۆنىلىشنى مۇستەھكەملىدى، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈردى، ئۇسۇل، يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئورتاق تونۇش ۋە كۈچنى زور دەرىجىدە مۇجەسسەملىدى.

بىپايان قۇملۇق، ياپيېشىل بوستانلىق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش تارىخىي سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا يۇرت تىنچ - ئامان، تۇرمۇش خاتىرجەم. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات مەنزىرىسى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قۇياش نۇرىدەك پارلاپ تۇرغان بەخت كۈلكىسى شۇنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىنتايىن دانا، تامامەن توغرا بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پىروگراممىسى ۋە جېنى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، تولۇق، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش كېرەك.

ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش

ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەر پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى تەلىپى ئىنتايىن ئېنىق، ئاچقۇچ دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ھەم ھازىرقى ۋەزىيەتنى پۇختا تۇتۇپ، ھازىرقى تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ھەم كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىش كېرەك».

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش − باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزنى ئېغىر مۇھىم تاپشۇرۇقى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ سادىق ئەمەلىيىتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى روھىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە قەتئىي تۈرتكە بولدى، بولۇپمۇ دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىدىكىلەر كېچىنى - كۈندۈزگە ئۇلاپ، بىۋاسىتە ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، نەق مەيداندا «كۆرۈپ»، نەق مەيداندا «ئاڭلاپ»، يۈزتۇرا «سوراپ»، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ پىكىر يولى، چارىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى يېتەكچى قىلىنىپ بىرتۇتاش پىلانلاش ياخشى تۇتۇلدى.

«دوستلار چەمبىرىكىمدىكىلەرنىڭ يېرىمى شىنجاڭغا بېرىپتۇ.» بۇ يىل يازدا، شىنجاڭ ساياھىتى قىزغىنلىقى سىجىل يۇقىرى بولدى، قاناس كۆلى بويىدىن لوپنۇرلۇقلار كەنتىگىچە، تىيانشان بوغدا كۆلىدىن پامىر ئېگىزلىكىگىچە، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن توپ - توپ ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەنزىرە بولۇپ قالدى. تىنچ، خاتىرجەم بولغاندىلا، شۇ جايدىكى كىشىلەرنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ خۇشال قىلغىلى، يىراقتىكى كىشىلەرنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ. خۇددى بىر «لۈيوۋ»نىڭ يازمىسىدىكىدەك، «دۇنيادا قايسى دۆلەت ئەڭ بىخەتەر دەپ سورىسىڭىز، جۇڭگو بۇنىڭغا ئەڭ مۇناسىپ! جۇڭگودىكى قايسى جاينىڭ ئامانلىقى ئەڭ ياخشى دەپ سورىسىڭىز، شىنجاڭ 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ.» ئۇدا نەچچە يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، جىنايى ئىشلار دېلوسى، ئامانلىق دېلوسى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەسىمۇ سىجىل ئازايدى، ئاۋاتلىققا تولغان، كىشىگە خاتىرجەملىك بېغىشلايدىغان شىنجاڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئىلگىرىكى تەسىراتىنى ئۆزگەرتتى.

تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ياخشى بىرتەرەپ قىلغىلى بولامدۇ - يوق» دېگەن تاللاش سوئالى بولماستىن، بەلكى «قانداق قىلغاندا ياخشى بىرتەرەپ قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاش خىزمەت يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتا.

شىنجاڭ قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشى، قېلىپلىشىش، ئىنچىكىلىشىش، دائىملىشىش، كەسپىيلىشىشكە قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىققا بولغان ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

قىسقا مەزگىللىك جەمئىيەت مۇقىملىقى ھادىسىدىن تۈزەش بولسا، ئەبەدىي ئەمىنلىك ماھىيەتتىن تۈزەش. شىنجاڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىنى تىرىشىپ مۇستەھكەملەپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملىدى.

جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئاساسىي ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىدا: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ دەۋر پۇرسىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا شىنجاڭنىڭ قوشۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىقى، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دېگەندىن ئىبارەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى گەۋدىلەندۈرۈلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، بۇ، بىخەتەرلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ جانلىق كارتىنىسى، شۇنداقلا تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى.

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش جەريانىدا ئورۇن دەل جايىدا تېپىلدى.

9 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە، بۇ يىل قورغاس، ئالاتاۋدىن ئىبارەت ئىككى تۆمۈريول پورتىدىن ئۆتۈپ قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشتى، تۈرلۈك مال بېسىلغان غايەت زور پولات ئەجدىھا ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۇچقاندەك چېپىپ، شىنجاڭنىڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

چىڭ سۇلالىسىنىڭ داڭلىق ۋەزىرى زو زۇڭتاڭ ئىلگىرى شىنجاڭغا باھا بېرىپ: «مىڭ چاقىرىملىق چۆللۈك دېيىلگەن جاي، ئەمەلىيەتتە گۆھەر يىغىلغان جاي» دېگەنىدى. شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازىسى بولۇپلا قالماي، ئادىمىيەت بايلىقى مول، تاغ - دەريالىرى گۈزەل، ئېنېرگىيە بايلىقى مول گۆھەر تۇپراق، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيە ۋە دۆلەت بەرگەن ئالاھىدە قوللاش بار، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇقنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك.

«ئاخىرقى ئۇچ»تىن «كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى» «تايانچ نۇقتا» «بازا»غىچە، شىنجاڭ ئۆز تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قويۇپ پىلانلاپ، ئويلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت تەنتەنىلىك بۇرچنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئالدى.

بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەر چىڭ تۇتۇلۇپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىندى.

شىنجاڭدا زادى سۇ كەمچىلمۇ - يوق؟ بۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەسىراتىدا ئىككىلەنمەي جاۋاب بەرگىلى بولىدىغان سوئال. ھازىر بۇ سوئالغا تېخىمۇ ئىلمىي، دەل جايىدا جاۋاب بېرىلدى. «سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى قانچىلىك يۇقىرى بولسا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى شۇنچىلىك زور بولىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قىسقىغىنا بىر يىلدا شىنجاڭدىكى ئاساسلىق دەريا، كۆل ۋادىلىرىنى ئايلىنىپ، كۈنىگە مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تەخىرسىزلىكىنى گەۋدىلەندۈردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، كۆپ مەيدان ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، سۇ بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش پوزىتسىيەنى گەۋدىلەندۈردى. «شىنجاڭدا سۇنىڭ كەمچىل بولۇشى خېلى زور دەرىجىدە زامان ۋە ماكان جەھەتتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ، لېكىن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى ساقلانما مىقدارى بولسا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.» ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە سۇغا بولغان تونۇش بارغانسېرى ئېنىق، بارغانسېرى روشەن بولماقتا.

تونۇش قانچە روشەن بولسا، ھەرىكەت شۇنچە قەتئىي بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىستېما قارىشى، ئومۇمىي تەپەككۇر ئارقىلىق سۇ تىزگىنلەش، سۇ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىش(گۇرۇھ)چەكلىك شىركىتى قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنى تەشكىللەپ قۇردى... سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭغا مىسلىسىز ئەھمىيەت بېرىلمەكتە.

«سۇغا ئائىت ئىشلار»نى ياخشى ئىشلەپلا قالماي، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى چىڭ تۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئالغا سىلجىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىللىق كاپالىتى ئارقىلىق تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى؛ يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلەتتى؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە سىياسەت - تەدبىرنى ئېلان قىلىپ، دىققەتنى «شاھمات كۆزى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى... بىرىگە تەگسە ھەممىگە تەسىر قىلىدىغان بۇ مەسىلىلەردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەپەككۇر يولى بارغانسېرى ئايدىڭلىشىپ، بارغانسېرى كېڭىيىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى تېز ھەم پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

ئىزدىنىش

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىلدى

«بۇنداق ياخشى تۈردە نېمە ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش توختىتىلدى» «چۈنكى مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتا ئۆلچەمگە يەتمىدى» «ئۆلچەمگە يەتمىسە كارخانىلارنىڭ تېخنىكا جەھەتتە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەكتە، ھەم قانۇنغا رىئايە قىلىش، ھەم تەرەققىيات ئۈچۈن چارە ئىزدەش كېرەك» − بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆت بۆلەك رايون بويىچە تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش شەكلى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى. ئۈرۈمچى - قاراماي - سانجى بۆلەك رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى، شەرقىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى، شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىدا مەيلى قايسى بۆلەك رايوندىكى نەق مەيدان يىغىنى بولسۇن، ھەممىسىدە كۈچلۈك مەسىلە ئېڭى بىلەن قىيىن مەسىلىلەرگە يۈزتۇرا تېگىش قىلىندى.

شىنجاڭ خىزمىتى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ھەم ئىشنى پۇختا قىلىش، قەدەمنى پۇختا ئېلىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىدۇ.

ئورتاق ئىلگىرىلەپ، تىيانشان ئېتىكىدە قەلبداشلىق تاۋلاندى.

بۇ يىل 5 - ئاي شىنجاڭنىڭ 41 - قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيە ئېيى، ئۈرۈمچى شەھىرى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى «تىيانشان ئېتىكىدە قەلبداشلىقنى تاۋلاش، ئانار گۈللىرىنى ئېچىلدۇرۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەش» تېمىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار ھاياجانلانغان ھالدا «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى ھەم ئوپچە سۈرەتكە چۈشتى. باش شۇجى خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مەخسۇس بارغان بۇ مەھەللە شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مەھەللىلەرگە ئوخشاش كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلە.

چوڭ ئائىلىدە ھېكايە كۆپ. 1400 كىلومېتىر كۈچ ئۇلاش ئارقىلىق بىلىكى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئوغۇل بالا قۇتقۇزۇلدى، ئىككى قېرىنداش سەككىز كېچە - كۈندۈز ھەقسىز ھەيدەپ ئاپتوموبىلنى ئاپىرىپ بەردى، چارۋىچىلار قارلىق دالىدا ئات چاپتۇرۇپ قار - مۇز ئەزىمەتلىرىنى ئۇزىتىپ قويدى... ھەربىر تەسىرلىك ھېكايە «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش»نى جانلىق ئىزاھلاپ بەردى.

ئۇيغۇرلاردا «ئالتۇن - كۈمۈش ھەقىقىي بايلىق ئەمەس، ئىتتىپاقلىق - ئىناقلىق ھەقىقىي بەخت» دەيدىغان ماقال بار. شىنجاڭ پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت ئامما بېرىش - كېلىش قىلىش، بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىش، سىردىشىش - مۇڭدىشىش داۋامىدا ھېسسىياتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ «مەركەزداش چەمبەر»ىنى بارغانسېرى چوڭ سىزدى.

«بىر تال يۇلتۇز كۆكنى يورۇتالمايدۇ، بىر پارچە تاش چوققا شەكىللەندۈرەلمەيدۇ، 56 مىللەت بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، بىردەك ئىتتىپاقلاشقاندىلا، ئانا ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈپ قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدۇ...» بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوينىدا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە بەختلىك ماكان قۇرۇپ چىقىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇش.

يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولغاندىلا، تەرەققىياتنىڭ تېز دۇمباق رىتىمىغا قولاق سالغىلى بولىدۇ.

«بىز ھەرقانداق بىر تۈرگە ھەرگىز دەخلى يەتكۈزمەيمىز، شۇنداقلا ھەرقانداق بىر كارخانىچىنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز»... بۇ يىل ئېچىلغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يىغىنىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پۇقراۋى كارخانىچىلارنى مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولۇشى بىلەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ساقلاپ تۇرماسلىقتەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، سۆرەلمىلىك قىلماسلىقتەك كىرىزىس تۇيغۇسى، ئېرىنچەكلىك قىلماسلىقتەك بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق، بىر تەدبىرگە بىر تەدبىرنى ئۇلاپ، بىر ھەرىكەتكە بىر ھەرىكەتنى ئۇلاپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ھەر پەسىلدە ئارقا - ئارقىدىن «ئىش باشلاش بۇرغىسى» چېلىنىپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئالغا سىلجىتىلدى؛ تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى كۈچەپ بەرپا قىلىندى؛ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى تارىخىي خاراكتېرلىك تەشكىللىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە زىيارەتكە چىقتى، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجادىي ئۆتكۈزۈلدى، 2023 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 500 مىليارد يۈەندىن ئاشتى؛ «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى؛ ئۇدا بىرنەچچە يىل ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى، ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلدى؛ 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىنىپ، «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانى قوزغىتىلىپ ۋە يولغا قويۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىندى؛ رەقەملىك شىنجاڭ كەسىپكە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى مەبلەغ سېلىش - ئېچىش گۇرۇھى قۇرۇلدى... ئۇزاق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەر جايىدا ئەمەلىيلەشتى، پۇختا ئەمەلىيلەشتى.

كۆپلىگەن كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىشى، كۆپلىگەن سۆھبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، نۇرغۇن كېلىشىملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلماقتا. سىياسەت، بايلىق، رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلىنى پۇختىلاش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

كۆڭۈل قويۇپ ئوزۇقلاندۇرۇش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتتى.

«ئاشلىق مەھكىمىسى مۆھۈرى» «قوۋۇقتىن چىقىش - كىرىش خېتى» «جۇڭغارنى تىنچىتىش ئويما يېزىقلىق ئىلى ئابىدىسى»... شىنجاڭ مۇزېيىغا كىرگەندە قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە «چاڭئەن»نى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى «بۈيۈك تاڭ»غا قايتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ، مىڭ يىللىق يىپەك يولى شان - شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى.

شىنجاڭ تۇپرىقىدا مول تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ساقلانماقتا. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، «سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش مەسىلىسىنى تۈپتىن، ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا دائىر تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تارىخنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى قايتا نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلەتتى، مۇزېي ئەڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان مەدەنىيەت يەر بەلگىسىگە ئايلاندى؛ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئالاھىدىلىكىگە ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆرۈنمە ئوبرازىغا ئىگە بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋە تۈرلەرنى پىلانلاپ قۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۇڭزى ھەيكىلى، لىن زېشۈ ياساتقان ئۆستەڭ، زو زۇڭتاڭ تىككەن سۆگەت توردا ئالقىشلانغان جايغا ئايلاندى؛ جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە بولغان، زامانىۋى مەدەنىيلىك يۇغۇرۇلغان بىر تۈركۈم نادىر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى، بەرپا قىلدى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى مەنىۋى ماكاننى ئوزۇقلاندۇردى، ناخشا - ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى پۈتۈن مەملىكەتتە ئالقىشلاندى، شىنجاڭلىق يازغۇچى ليۇ لياڭچېڭنىڭ «بېنبا» ناملىق ئەسىرى ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى... جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇردى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گېنىغا ۋارىسلىق قىلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تومۇرىنى تۇتاشتۇردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتتى.

ئەمەلىي ئىشلەش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى.

بۇ يىل ئەتىيازنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ پۈتۈن جەمئىيەتتىن توپلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 2023 - يىلى قىلىدىغان ئون تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى بېكىتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئامما ئارزۇ قىلغان ئىشلار»نى «ھۆكۈمەت قىلىدىغان ئىش»قا ئايلاندۇرۇپ، سىجىل تۈردە كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتتى، ياشانغانلارنى كۈتۈش، بالىلارنى بېقىش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى ئاشۇردى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بېرىش، قەلبلەرنى ئىللىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، «شىنجاڭنىڭ پوچتا ھەققىنى كۆتۈرمەسلىك، شىنجاڭغا مال سالماسلىق» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى، «بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش» «بىر ئىشنى بىرلىشىپ بېجىرىش»نى ئالغا سىلجىتتى... «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» ھەربىر مەسىلىنى ھەل قىلىش داۋامىدا، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ «بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، ئاجىزلار يار - يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش» جەھەتتە سىجىل كۈچىدى. ھەر يىلى مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلەتتى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا بەرگەن ئۆزگەرمەس ۋەدىسى.

قەتئىي تۈزەش، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى.

شىنجاڭ خەرىتىسىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچىدىن غەربكە قاراپ مېڭىپ سانجى، شىخەنزە ئەتراپىغا كۆز يۈگۈرتسەك، بۇ جايلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ باشلامچىسى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن كەسىپ قۇرۇلمىسىدا بىر تەرەپكە ئېغىش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا كۆمۈرگە بەكرەك تايىنىپ قېلىش سەۋەبىدىن، بۇ جايلار يەنە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن پاكىز تۇپراق قوغدالدى. بۇ يىل 5 - ئايدا، «<ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە> نۇقتىلىق رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش نىزامى» بويىچە نىزام چىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇش، ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، مەلۇم بىر رايوننىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش توغرىسىدا نىزام چىقىرىلدى، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتە ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ.

كېيىن تەرەققىي قىلغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، ئېكولوگىيە - مۇھىت دائىم كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. ھەم بايلىق بولۇش كېرەك، ھەم سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بولۇش كېرەك، شىنجاڭ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى سىجىل ياخشىلىدى.

كىشىلەر تەبىئەتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىسا، تەبىئەتمۇ چوقۇم كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ. سايرام كۆلىنىڭ كېچە ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار چاقنىدى، لوپنۇردا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېشىللىق بارلىققا كەلدى، ئىلى دەرياسى جىلغىسىدىكى سالمون بېلىقلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا سېتىلدى، كۆكيارنىڭ ئالمىلىرى سىزگە «360 گىرادۇسلۇق شېرىن تەم»نى سۇندى... ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ بارغانسېرى چاقناپ، كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

ئاساسنى پۇختىلاش

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇلدى

تارىم دەرياسى ئۆركەشلەپ ئېقىپ، دولقۇنلار ئارقا - ئارقىدىن كۆتۈرۈلدى. گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش مۇستەھكەم تۈۋرۈكتىن ئايرىلالمايدۇ.

شىنجاڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، چىتلاق بۇزۇپ تاشلاندى، كىشەن چېقىپ تاشلاندى.

قانداق قىلغاندا بايلىق ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا مۇھىت چەكلىمىسى ئاستىدا تەرەققىياتتىكى ئەڭ ياخشى يېشىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، بۇ ئەڭ قىيىن، شۇنداقلا ئەڭ تەخىرسىز ئىش.

«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» «ئىدىيەنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئويلىنىش»... بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى سىرتقا چىقىپ تەكشۈرۈش، ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ھەم شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق دېڭىز بويى رايونلىرىدىن ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆگەندى، ھەم گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق ئەتراپتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىن پايدىلىق ئۇسۇللارنى ئۆرنەك ئالدى.

باشقىلارنىڭ تەجرىبە - ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يېتەرسىزلىكلەر تۈزىتىلدى. ھەربىر قېتىملىق تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش داۋامىدا، ئىدىيە ئىسكەنجىسى تەدرىجىي بوشىتىلدى؛ ھەربىر قېتىملىق رېئال سېلىشتۇرۇش داۋامىدا، تەپەككۇر ئادىتى تەدرىجىي بۇزۇپ تاشلاندى. تاشقى ئامىلنىڭ مەجبۇرلىشى، ئىچكى ئامىلنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «كونا رامكا» «كونا ئۇسۇل»لار ۋە «ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسى چۆرۈپ تاشلىنىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى.

راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تەرەققىيات پىلانلاندى، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەت زىممىگە ئېلىندى.

ياز كۈنلىرىدىكى تېتىما كۆلىدە سۇ دولقۇنلىرى قۇياش نۇرىدا چاقناپ، قۇشلار ۋىچىرلاپ، بېلىقلار ئەركىن ئۈزۈۋاتاتتى. تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، تېتىما كۆلىنىڭ كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى. ھالبۇكى، تېيىز تەخسىسىمان كۆل يۈزىنىڭ ئەگەر بىر مەزگىللىك چوڭلۇقىلا كۆزلەنسە، زور مىقداردا پارلىنىشتىن سۇ بايلىقى ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قايتا - قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، دەريا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق، چەرچەن دەرياسىنى تېتىما كۆلىگە باشلاپ، تارىم دەرياسىنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.

تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، شىنجاڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ئىشلەش پوزىتسىيەسى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى «سىياسىي نەتىجە قارىشى» بويىچە چوڭ مۇزاكىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان ئادەم ئىشلىتىش روشەن يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، كادىرلارنى تەكشۈرۈش - باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن تەرەققىياتنى پىلانلاش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

ئىستىل ئۆزگەرتىلىپ، ئەمەلىي ئىشلار بېجىرىلدى، قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.

تۇرپان - قومۇل ئويمانلىقىدا «شامالنى تىڭشاپ»، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش؛ ئالتاغ تېغىدا «قارغا نەزەر سېلىپ»، ساياھەت چوڭ ئىشى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش؛ پامىر ئېگىزلىكىدە «يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ»، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پىلانلاش... قىسقىغىنا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۇزاق يوللارنى بېسىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىزلىرىنى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ناھىيە - شەھەرلەردە قالدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئۈلگە بولدى.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇردى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى كەڭ كۆلەمدە رەتلەش، قىيىن مەسىلىلەرنى كەڭ كۆلەمدە بىرمۇبىر تەكشۈرۈشكە تۈرتكە بولدى؛ كونكرېت مەسىلىلەرنى كونكرېت تەھلىل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» «قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش»تىن ساقلاندى؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپ قاتراتتى، ئاممىنى ئاز قاتراتتى؛ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنى تۈگىمەس ھۆججەت، ئۈزۈلمەس يىغىن، ماتېرىيال ۋە مەلۇمات جەدۋەللىرىدىن قۇتۇلدۇردى... شىنجاڭدا كادىرلار ئىستىلى سىجىل ياخشىلىنىپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.

قابىلىيەت ئۆستۈرۈلۈپ، پۇرسەت تۇتۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«سىرتقا چىقىش» ئارقىلىق نەزەر دائىرە ئېچىلدى، نەزەر دائىرە كېڭەيدى، «كىرگۈزۈش» ئارقىلىق تەجرىبىلەر يەتكۈزۈلدى، ئۇسۇللار ئۆگىتىلدى. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش پىلانىنى تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇپ، «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى»نى ئېچىپ، مەملىكەت بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەرنى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەڭ يېڭى سىياسەتلەر، ئالدىنقى قاتارنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر بۇلۇت سۇپىسىدا «بىلىم ئوزۇقى»دىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

«يېڭى پىكىر يولى بىلەن يېڭى ئەھۋالنى تەتقىق قىلىش، يېڭى چارە بىلەن يېڭى مەسىلىنى ھەل قىلىش» «پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش» «ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىپ كېتىدۇ، ئاستا ئىلگىرىلىسىمۇ چېكىنىپ كېتىدۇ»... شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار قابىلىيەت ۋەھىمىسى، ئىقتىدار يېتەرسىزلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ يېتىشىۋېلىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

يېڭى دەۋر شەرق شامىلى ھەيۋەتلىك چىقىپ، قاتمۇقات تاغ - دەريالارنى يەلپۈپ ئۆتتى؛ يېڭى مۇساپە قاينام - تاشقىنلىققا تولۇپ، كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. مۇشۇ پەيتتىكى شىنجاڭدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بارلىققا كېلىپ، يوشۇرۇن كۈچ قويۇپ بېرىلىپ، تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت نامايان بولدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى مۇقەررەركى غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش