دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز بېيجىڭ داشۆ «شەرق ئوقۇش مۇكاپاتى» بويىچە كۇرسانتلار ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-09-26 10:02:10

گۇڭ چىخۇاڭ، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە كەلگەن بېيجىڭ داشۆ «شەرق ئوقۇش مۇكاپاتى» بويىچە كۇرسانتلار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. بېيجىڭ داشۆنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى گۇڭ چىخۇاڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى كۇرسانتلىرىنى قارشى ئالدى، بېيجىڭ داشۆنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: ھازىر، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلمەكتە. رەئىس شى جىنپىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر شىنجاڭغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆتكەن ئايدا ئەمدىلا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، يەنە مەخسۇس شىنجاڭغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بىز بۇنىڭدىن زور ئىلھاملاندۇق، چەكسىز روھلاندۇق. ھازىر، شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇلدى. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى كۆرۈشنى خالىماي، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى كۆرۈشنى خالىماي، يالغان - ياۋىداق سۆز، بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئۈزلۈكسىز تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى. شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ماھىيەتتە زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش − شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشى. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، بۇ قېتىم كۆپچىلىك ھەقىقىي تۈردە ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى ھېس قىلدى. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭدىكى مەزگىلدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئەتراپلىق، ھەقىقىي تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق، ئوبيېكتىپ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

گۇڭ چىخۇاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى مۇھىم ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئورنى مۇھىم، ئەۋزەللىكى روشەن. بېيجىڭ داشۆ شىنجاڭ بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىش، يىپەك يولى ئارخېئولوگىيەسى، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىش، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ھەمكارلىق ئاساسى ئورناتتى. بۇ قېتىمقى «شەرق ئوقۇش مۇكاپاتى» كۇرسانتلار سەپىرى مول مەزمۇنلۇق بولدى، كۇرسانتلار ھەقىقىي شىنجاڭ، ئىستېرېئولۇق شىنجاڭغا قارىتا يېپيېڭى تونۇشقا ۋە ھەقىقىي تەسىراتقا ئىگە بولدى. كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئالماشتۇرۇشىدىكى ئەلچىلەردىن بولۇپ، ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت، ئۆگىنىش داۋامىدا كۆرگەن، ھېس قىلغانلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىپ، دۇنياغا بىر ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك بولغان جۇڭگونى چۈشەندۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سومالى، چاد، زامبىيە، لىبېرىيە، گابون، ئانگولا، نىگېرىيەدىن كەلگەن كۇرسانتلار ۋەكىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، جۇڭگودىكى ئۆگىنىش نەتىجىلىرى ۋە شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغاندىكى ھەقىقىي تەسىراتلىرىنى ھەمبەھرىلىدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىكەن، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ، ھەر خىل دىنلار ئىناق - رايىش ئىكەن، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنىپتۇ ۋە قوغدىلىپتۇ، ئاممىنىڭ شادىيانە ئۇسسۇلى، خۇشال تەبەسسۇمى، غەم - ئەندىشىسىز تۇرمۇشىدىن ئىتتىپاق شىنجاڭنى، ئۇيۇشۇش كۈچىگە تولغان شىنجاڭنى كۆردۇق. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، مەدەنىيەتنى قوغداش قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، بولۇپمۇ شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ھەممىگە ئايان، بۇ ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ناھايىتى كۈچلۈك ئۆرنەك ئېلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە. يالغان - ياۋىداق سۆزلەر پاكىت ئالدىدا بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدۇ، ھەقىقىي شىنجاڭ ئالدىدا، جۇڭگو شىنجاڭغا قارا چاپلايدىغان، بوھتان چاپلايدىغان يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ. ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، جەنۇب - جەنۇب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ نەپ ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

چېن ۋېيجۈن، لى شۆجۈن، قەيسەر ئابدۇكېرىم قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش