دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىمىز
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-09-26 10:00:48

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

بايراق يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، يادرو كەلگۈسىگە يول باشلايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىۋاتقان، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىۋاتقان شىنجاڭنى ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.

شىنجاڭدىكى ھەر ساھەدىكىلەر بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز.

ئەمەلىي ئىقتىسادنى تاۋلايمىز

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، خىزمىتىمىزگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر جاۋ شىفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسى باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ماددىي تېخنىكا ئاساسى سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سانائەتنىڭ يۈرۈشۈشىنى نازارەت قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۇختا تۇتۇپ، زور سانائەت تۈر قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى تۇتۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە تەرەققىياتقا سىجىل يېتەكلەپ، كارخانىلارغا رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان سانائەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ.

كەسىپ باغچە رايونى كەسىپلەرنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسلىق بازىسى. ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) 18 كەسىپ باغچە رايونىغا تايىنىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى باغچە رايونىنىڭ سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچىنى چىڭىتتى.» ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق (تۇدۇڭخابا رايونلۇق) سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چىن جياڭفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: باغچە رايونى زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، شامال گېنېراتورى ئۈسكۈنىسى، پولات - تۆمۈر، مېتاللۇرگىيە قاتارلىقلارغا تايىنىپ يانداش كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىنى زورايتىدۇ، بولۇپمۇ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرىمىز

يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن كەسىپ سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

2021 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى 1 مىليارد 608 مىليون يۈەن، پەن تەتقىقاتتا يېڭىدىن ئاشقان ئۈنۈم 216 مىليون يۈەن بولدى، پاتېنت ئىلتىماسى 734، بۇنىڭ ئىچىدە كەشپىيات پاتېنتى 377 بولۇپ، %51نى ئىگىلىدى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى كارخانىمىزنى تېخىمۇ قەتئىي ھالدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىدىغان قىلدى.» 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى كې شەنلياڭ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش كارخانا تەرەققىياتىنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىككى يىلدىن بۇيان، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى تۆۋەن كاربونلۇق مېتاللۇرگىيە، تۆۋەن تەننەرخ، يۇقىرى سۈپەت، تۆۋەن ئېنېرگىيە سەرپىياتى، يېشىل ئىشلەپچىقىرىشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا، مەھسۇلات، تۈر جەھەتتە زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش يولىنى بويلاپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

«كارخانىمىز مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قازدى، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتتى، ئىقتىدارنى كېڭەيتتى.» جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ لىيۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى يېڭى ماتېرىيال كەسپى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، «تەييار ماي مەھسۇلاتىنى ئازايتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خاس مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت پەرقلىق تەرەققىيات ئارقىلىق، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، «نېفىت ئايرىش+ ئاروماتىك ھىدروكاربون +يېڭى ماتېرىيال» خاس كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.

جۇڭمېي گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى بوغاز 7 - نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىنىڭ باش مۇدىرى، باش دىرېكتور دۇ مىڭچى مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭ رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇدۇقلۇق كۆمۈر كان بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېيىنكى قەدەمدە، كان قۇدۇقىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، نەرسە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى كان قۇدۇقى قېزىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، زامانىۋى پەن - تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ كۆمۈر كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

كەسىپ تىرىكىنى پۇختىلايمىز

باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي كەسىپ تەرەققىياتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىمىز.» كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ شىنخۇەي مۇنداق بىلدۈردى: دىققەتنى باغچە رايونىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، تۈر قۇرۇلۇشى، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ ئاساسىي كەسىپ»ىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات رايونى خاسلىقىغا ئىگە بولغان نۇقتىلىق كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كەسىپ تىرىكىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايمىز. يېشىل ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرىمىز.

كارخانا زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تىرىكى. بۇ بىرنەچچە كۈندە، جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسى قومۇل شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىدا، يېڭىدىن كېڭەيتىپ قۇرۇلغان، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 5 مىليون كىلوۋات بولغان 2 - قارارلىق تۈر تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باسقۇچىغا كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 10 - ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى بىزنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، غەيرىتىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.» جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسى قومۇل باش قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى لياڭ تېڭفېي مۇنداق دېدى: ھازىر شامال ئېلېكتىر بازىرىدا پۇرسەت بىلەن خىرىس تەڭ مەۋجۇت، كارخانىمىز ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قومۇلنىڭ رايون خاراكتېرلىك شامال ئېلېكتىر يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ئىلھام، شۇنداقلا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. «كارخانىمىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.» شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرىكتورى شى شىنلى مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كارخانىنى زورايتىش، كۈچەيتىشنىڭ مۇقەررەر يولى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بازار ئېھتىياجىغا قارىتا يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، شىنجاڭدىكى كارخانىلار بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، سودىغا ئىشلىتىلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىمىز.

جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى شىنخۇا سۇ ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ يەن مۇنداق بىلدۈردى: كارخانىمىز تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق، پۇختا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى تەڭ تۇتۇش يولىدا ماڭىدۇ. «شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىر، سۇ ئېلېكتىرنى ھىدروگېنغا ئايلاندۇرۇپ ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى قۇرۇلۇشىنى پائال ماس ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يېشىل ئېنېرگىيەلىك تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

(مۇخبىر ما يىنىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار يۈ جياڭيەن، چېن چياڭۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار تيەن يۈ، ما يۆ، جاڭ شى، ۋاڭ چاۋ)

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش