دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-09-26 09:59:10

كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋابەن يازغان خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى ۋە 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش، ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، تولۇق كۇرس مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ يولداش ۋاڭ خۇنىڭنىڭ قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ شېنجېن ئاكسىيە سودا ئورنى، شاڭخەي ئاكسىيە سودا ئورنى شىنجاڭ بازىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنىڭ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنىڭ «تارماق لىنىيەلەرنى تۇتاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مائارىپىدىكى كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى نىشانلاپ، شىنجاڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تولۇق كۇرس مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، دەرسلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى يېڭىلاپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى، بىرىكمە تىپتىكى، ئەمەلىي قوللىنىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسپىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ماھارەت تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، «ئۈچ رايون، ئۈچ لىنىيە»نى ئايرىپ بېكىتىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىي مۇھىت ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر، سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، ناھىيە، شەھەر، رايون دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، يەرنى تۈزەش قاتارلىق كۆپ ساھە، كۆپ ھالقىلاردىكى يانداش سىياسەتلەر بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يىرىك پىلان تۈزۈش، ئۆزگەرتىپ تۈزۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنلۇق، تۈجۈپىلىك، يېشىللاشقان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇچۇر توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىناۋەت سۇپىسىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ سەمىمىيەت ئېڭى ۋە سەمىمىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. زىچ توك يەتكۈزۈش يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىچ توك يەتكۈزۈش يوللىرى ۋە چوڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش