دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

​يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش گەرچە تارقىلىشى تۆۋەن، تۇراقلىق داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن زۆرۈر مۇداپىئە كەم بولسا بولمايدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-06-05 12:19:07


شىنجاڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى:

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش گەرچە تارقىلىشى تۆۋەن، تۇراقلىق داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن زۆرۈر مۇداپىئە كەم بولسا بولمايدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

يېقىندا، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كېسەللىك ئالامىتى بار كىشىلەر توپى سىجىل كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، بىر قىسىم كىشىلەر توپى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بويىچە «بىرىنچى قېتىم مۇسبەت» «ئىككىنچى قېتىم مۇسبەت» بولدى. نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئاپتونوم رايونىمىزدا قانداق تارقىلىش سەۋىيەسىدە تۇرۇۋاتىدۇ؟ «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»تا قانداق قىلغاندا مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟ ھازىر يەنە قايسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر؟ 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋىراچى مەخمۇتنى زىيارەت قىلدى.

«قىزىش، گال ئاغرىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى ناتايىن، تارقىلىشچان زۇكام ۋە ئادەتتىكى زۇكام بولۇشىمۇ مۇمكىن.» مەخمۇت مۇنداق دېدى: بۇنداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن كىشىلەر توپى ئۆزىگە قارىتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بويىچە ئانتىگېن تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلسا ياكى دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنسە بولىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشقا ئۆلكىلەرگە ئوخشاش بولۇپ، تارقىلىشى تۆۋەن، تۇراقلىق داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرغان.

بۇ يىل شىنجاڭنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى بىرقەدەر نورمالسىز بولۇپ، ياز پەسلى كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن تېمپېراتۇرا بىردەم يۇقىرى، بىردەم تۆۋەن بولدى. گەرچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش تۆۋەن سەۋىيەدە تارقىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

ئامما گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش گۇرۇپپىسى ئېلان قىلغان «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئامما ماسكا تاقاش كۆرسەتمىسى (2023 - يىل 4 - ئاي نۇسخىسى)»گە ئاساسەن مۇداپىئەنى ياخشى قىلسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئامما يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان مەزگىلدە تۇرۇۋاتقاندا ياكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان دەپ گۇمان قىلىنغان كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ماسكا تاقىشى كېرەك؛ تاللا بازار، كىنو - تىياتىرخانا، يولۇچى توشۇش بېكىتى قاتارلىق ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى بىرقەدەر چوڭ ياكى مۇھىتى ھىم بولغان، ئادەم زىچ توپلاشقان رايون ياكى سورۇنلارغا كىرگەندە، ياشانغانلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاساسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، ھامىلىدارلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئۆي ئىچى ئاممىۋى سورۇنلارغا بارغاندا ماسكا تاقىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ ئۈستى ئوچۇق مەيدان، باغچە قاتارلىق ئۆي سىرتىدىكى سورۇنلار ياكى ئادەملەر نىسبەتەن مۇقىم بولغان ئۆي ئىچى سورۇنلىرى ۋە يىغىن زالىدا ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ.

قولنى پات - پات يۇيۇش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە زۆرۈر بولغان توسۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ئاممىۋى چوكا ئىشلىتىشنى يولغا قويۇش قاتارلىق تازىلىق ئادىتى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇش كېرەك؛ مەيلى قايسى ۋاقىت، قايسى جايدا بولسۇن، كۆپچىلىك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئۆي ئىچى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردىكى پائالىيەتلەرگە بېرىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى ياكى ئاز بېرىشى كېرەك، ئەگەر بارسا ماسكا تاقاشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىپ، ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىشى ھەمدە شەخسىي ساغلاملىقنى كۆزىتىش ۋە باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، يېمەك - ئىچمەك، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ماخمۇت مۇنداق ئەسكەرتتى: ھازىر ياز پەسلى كىرىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرقايسى جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا داۋالغۇش بىرقەدەر چوڭ بولۇۋاتىدۇ، نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى يەنىلا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام، گۈرەن بەز ياللۇغى، سۇ چېچىكى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، قول - پۇت - ئېغىز بوشلۇقى كېسىلى، سۇ چېچىكى، تارقىلىشچان قاناش قىزىتمىسى، بىرۇتسېلليوز كېسىلى، يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىك قاتارلىق كېسەللىكلەرگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش