دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان يەرلىكلەر ئارا كارخانىچىلار ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن دائىم كۆرۈلىدۇ تاغلىق رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، قىيان گېئو ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قارامايدا ئېچىلدى لياڭ فېڭيۈەن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ياخشى باشلاندى شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

​بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-26 12:58:53

ئاپتونوم رايون «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئاچتى

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايون «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئاچتى، يىغىندا، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 3 -، 5 -، 6 -، 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى خىزمەت تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بىڭتۇەن 6 - شى ۋۇجياچۈ شەھىرى، بىڭتۇەن 8 - شى شىخەنزە شەھىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ۋۇجياچۈ شەھىرى، شىخەنزە شەھىرىدىكى نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش بويىچە «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر قوللىنىش» لايىھەسىگە قاراپ چىقىلدى، «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مالىيە - ئىقتىساد ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، جەزمەن بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇش، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، تارماقلار ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، تىزگىنلەش خىزمىتىدە پۇختا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئالاقىدار ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر، بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى ئالاقىدار شى(شەھەر)لار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە زور دەرىجىدە ئازاد بولۇش، ئىقتىدارنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى زور دەرىجىدە ياخشىلاش، خىزمەتنى زور دەرىجىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاتموسفېراغا بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى كۆپ، تىزگىنلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان سانائەت كارخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانىلارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتىنى ياخشىلاش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، ياردەم بېرىشى كېرەك. خىزمەت پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تىزگىنلەش، بۇلغىنىشنى ئىلمىي تىزگىنلەش، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىش ۋە ئايلانما پايدىلىنىشتىن ئىبارەت بۇ نىشاننى چۆرىدەپ، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدى، ئازوت ئوكسىدى، VOCs، دانچە ماددىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۇلغىمىغا چىڭ قادىلىپ، دىققەتنى سانائەت كان - كارخانىلىرى، پارچە كۆمۈر ئىشلەتكۈچىلەر، قاتناش - تىرانسپورتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ نۇقتىلىق بۇلغىما مەنبەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش بويىچە «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر قوللىنىش» لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلغىما مەنبەسىنى مەنبەدىن ئۈزۈۋېتىشى ۋە ئازايتىشى كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق تۈزەش، ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەمكارلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزملىرىنى ئورنىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرتۇتاش سىياسەتنى يولغا قويۇش، بىرتۇتاش ئۆلچەم قوللىنىش، بىرتۇتاش تەلەپ قويۇش، بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مۇھىت قوغداش بويىچە ماسلىشىپ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايوننىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ۋاڭ گاڭ، ئېزىز مۇسا، ليۇ شىنجيەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش