دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان يەرلىكلەر ئارا كارخانىچىلار ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن دائىم كۆرۈلىدۇ تاغلىق رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، قىيان گېئو ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قارامايدا ئېچىلدى لياڭ فېڭيۈەن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ياخشى باشلاندى شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

​باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭغا تۆھپە قوشۇش كېرەك
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-26 12:57:26

تيەن شياڭلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى سۆزلىدى

باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭغا تۆھپە قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تيەن شياڭلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە كېلىپ، «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان ياخشى ياشلاردىن بولايلى» دېگەن بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى سۆزلىدى.

تيەن شياڭلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە پائال ئاتلىنىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى توغرا تونۇپ، پارتىيەمىزنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇلۇغ ئىشلارغا ئاتلىنىپ، تىرىشىپ ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان ياخشى ياشلاردىن بولۇش قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ساۋاقداشلارنىڭ دەرسخانىدا ئۆگىنىش بىلەن يېزا - كەنت ئەمەلىيىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش چوڭ سەھنىسىدە تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تيەن شياڭلى دەرس سۆزلىگەندە كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالىيجاناب پەزىلەت يېتىلدۈرۈش؛ قەتئىي ھالدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ياشلىق ئەقىل - پاراسىتى، ياشلىق كۈچىنى سەرپ قىلىپ، ئاممىۋى قاراشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە پائال ئاتلىنىش؛ باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئىجاد قىلىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭغا تۆھپە قوشۇپ، ياشلىق گۈللىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش