دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان يەرلىكلەر ئارا كارخانىچىلار ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن دائىم كۆرۈلىدۇ تاغلىق رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، قىيان گېئو ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قارامايدا ئېچىلدى لياڭ فېڭيۈەن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ياخشى باشلاندى شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

​كۈرەشچان ياشلىق باھارى ئارقىلىق پارلاق كىشىلىك ھايات يارىتىش كېرەك
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-26 12:56:45

يۈسۈپجان مەمەت شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدە ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى سۆزلىدى

كۈرەشچان ياشلىق باھارى ئارقىلىق پارلاق كىشىلىك ھايات يارىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت شىنجاڭ سىفەن داشۆسىگە كېلىپ، «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن بولايلى» دېگەن باش تېمىدا ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى سۆزلىدى.

يۈسۈپجان مەمەت دەرس سۆزلىگەندە، نۇقتىلىق ھالدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ، يېڭى دەۋر ياشلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىدىن چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ چۈشەندۈرۈپ، كۆپچىلىكنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا ئورتاق نەزەر سېلىش ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىگە ئورتاق نەزەر سېلىش ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا؛ ئۇلۇغ دەۋرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى ياش داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شەرەپلىك بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

يۈسۈپجان مەمەت مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇلۇغ دەۋردە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلىش ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ بەخت. ھازىرقى شىنجاڭدا تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، پۇرسەت چەكسىز بولۇپ، باغرىنى كەڭ ئېچىپ كەڭ ياش دوستلارنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشىنى قارشى ئالىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ باشتىن - ئاخىر قىزىل قەلب بىلەن پارتىيەگە تەلپۈنۈپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشىنى، باشتىن - ئاخىر ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئارزۇغا ئىنتىلىپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى، باشتىن - ئاخىر قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، جاپاغا چىداپ ماھارەت ئۆگىنىشىنى، باشتىن - ئاخىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۇلۇغ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشقا ئاتلىنىشىنى، شىنجاڭ تۇپرىقى ۋە ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىنى ئەڭ ياخشى دەرسخانا قىلىپ، كۈرەشچان ياشلىق باھارى ئارقىلىق پارلاق كىشىلىك ھايات يارىتىپ، قول تۇتۇشۇپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ، «پارتىيە، خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» دېگەن ياشلىق قەسىمىنى ھەقىقىي ئەمەلدە كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش