دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى بىر نەچچە مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىلا ئەمەس
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-12-04 12:25:46
 

 خوۋ خۇي

 مەستانە تاغا ئوكسىگېن سۈمۈرگەچ مۇسابىقە كۆردى، 80 ياشلىق بوۋاينى بالىلار چاقلىق ئورۇندۇق بىلەن قوشۇپ كۆتىرىپ توپ مەيدانىغا ئېلىپ كىردى ... دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى نادىر مەنزىرىلەردىن قېلىشمايدىغان بۇ كۆرۈنۈشلەر نەچچە كۈن بۇرۇن ئاياغلاشقان 2023- يىللىق «ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدە ئايان بولدى. ئاتۇش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسى خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى قاتارلىق مەركەز تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماي، پۈتۈن توردا 350 مىليون قېتىم كۆرۈلدى.

 «ئاتۇش لوڭقىسى»نىڭ ئوتتەك قىزغىنلىق پەيدا قىلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئاتۇشنىڭ بۇرۇندىن «پۇتبول ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار، شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنى «ئايىغى چىققاندىن باشلاپلا پۇتبول تېپەلەيمىز» دېيىشىدۇ. بۇ يەردە مەيلى كوچا- كويلاردا بولسۇن، مەيلى ئېتىز باشلىرىدا بولسۇن، توپ تېپىۋاتقانلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، بەزىلەر كاۋاپقا زىرە قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئاتۇشلۇقلارغىمۇ پۇتبول شۇنچىلىك مۇھىم، دېيىشىدۇ. ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ئاتۇشنىڭ 100 يىلدىن ئارتۇق پۇتبول ئەنئەنىسى بار ئىكەن، بۇ يەردىكى نۇرغۇن ياشانغان كىشى ياش ۋاقتىدا پۇتبول تەپكەن ئەزىمەتلەردىن بولۇپ، بىر ئۆمۈر پۇتبولغا ئىشتىياق باغلىغان، بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇلار ئاندىن نەق مەيداندا ئوينالغان مۇنتىزىم پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرەلىدى، شۇڭا، ئۇلاردىكى ئوكسىگېن سۈمۈرۈپ مۇسابىقە كۆرۈش، بالىلارغا چاقلىق ئورۇندۇقىنى كۆتۈرتۈپ توپ مەيدانىغا كىرىشتەك قىزغىنلىقنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، «ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى پەقەت بىر پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىللىق پۇرىقى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بىر تۇتام زىرىگە ئوخشاش، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ قاينام- تاشقىنلىققا تولغان تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېڭى مەنە قوشتى.

 پامىر ئېگىزلىكىدىكى بۇ كاتتا مەرىكە شادلىق تۇيغۇسىنى تارقاتتى. مۇسابىقە مەيدانىدا دوختۇر، دېھقان، ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى... ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن پۇتبولچىلار «كەينىچە موللاق ئېتىپ توپ ئۇرۇش»، يىراقتىن ۋاراتاغا توپ ئۇرۇش قاتارلىق قالتىس ماھارەتلەرنى كۆرسەتتى، كۆرۈش سۇپىسىدا، نەچچە ياشلىق ئوماق بالىلاردىن 80 ياشلىق بوۋايلارغىچە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى لەپىلدىتىپ، تاغنى تالقان قىلغۇدەك مەدەت بېرىش ساداسىنى ياڭراتتى. توپ مەيدانىنىڭ سىرتىدا ھەقسىز تەمىنلەنگەن قىزىق چاي، ئىسسىق ئۇماچ، نان، سۈت، يەنە مەيدانغا كىرەلمەي رېشاتكىغا ئېسىلىپ تۇرغان نۇرغۇن توپ مەستانىسى بار ئىدى... «مەملىكەتلىك ئىناق- گۈزەل كەنت ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى»، «يېزا- كەنت پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى»نىڭكىدىن قېلىشمايدىغان بۇ ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىن كەيپىيات ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتىنى نامايەن قىلىدىغان كۆزنەككە ئايلانغانىدى، مۇسابىقە تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان كۆرۈش بۇلۇڭىدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەقىقىي گۈزەل تۇرمۇشىنى، شۇنداقلا ساددا، سۆيۈملۈك شىنجاڭلىقلارنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان خۇشاللىقى ۋە ئىشەنچىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

 ئورتاق ھېسسىيات مۇجەسسەملەنگەن بۇ ۋاسىتە چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭ پۇرىقىنى ئىزاھلاپ بەردى. ساھىبخانا ئاتۇش كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك لوڭقا تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇ جايدىكى نۇرغۇن پۇتبول مەستانىسى چېمپىيون تۇرپان كوماندىسىغا قىزغىنلىق بىلەن مەدەت بېرىپ، كىشىنى تۇرپان كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا توپ تېپىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى. بۇنداق ھېچنەرسە ئارىلاشمىغان ساپ ھۇزۇرلىنىش پۇتبولنىڭ ئۆزىدىكى تەبىئىي خۇسۇسىيەت بولۇپلا قالماي، يەنە تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قېرىنداشلىق ھېسسىياتىنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىلىنىشى ئىدى. بۇ يىل 2- ئايدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «پۇتبول كېچىسى» پىروگراممىسىدا ئاتۇش پۇتبولچىلىقى توغرىسىدا مەخسۇس پىروگرامما كۆرسىتىلدى، ئاپپارات ئالدىدىكى ھەر بىر تىرېنېرنىڭ ئارزۇسى جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن مايسا يېتىشتۈرۈش بولسا، ھەر بىر كىچىك پۇتبولچىنىڭ ئارزۇسى ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش ئىدى، بۇ قېتىمقى «ئاتۇش لوڭقىسى» مۇسابىقە مەيدانىغا قارايدىغان بولساق، تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغان سانسىز چىرايغا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق چاپلانغان بولۇپ، تولىمۇ جەلپكار، گۈزەل كۆرۈنەتتى. بۇ دەل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ھالبۇكى بۇ ھېسسىياتنى ئالايىتەن ئورۇنلاشتۇرۇپ پەيدا قىلىش ھاجەتسىز، ھامان مەلۇم سورۇندا تەبىئىي ئىپادىلىنىپ چىقىپ، قانغۇچە قويۇپ بېرىلىدۇ.

 «ئاتۇش لوڭقىسى» مۇسابىقىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قىزغىنلىق قوزغىغانلىقىدىن قارىغاندا، جەنۇبتا گۇيجوۋدىكى «يېزا- كەنت پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى» بولۇش، شىمالدا «ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى» بولۇش ئەندىزىسى ئۇزاققا قالماي بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. ھازىر، ئاتۇشتىكى ھەر بىر مەكتەپتە ئاز دېگەندە بىردىن پۇتبول كوماندىسى بار، شەھەر، يېزا- بازار، ھەتتا كەنت دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرى بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئۈزۈلمەي ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئىشىنىمىزكى، مۇشۇنداق قويۇق پۇتبول ئاساسى «ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى»نى بەلگە قىلغان شىنجاڭ ھېكايىسىنى دۇنيانىڭ تېخىمۇ يىراق جايلىرىغا تارقىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش