دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

دۇنيا دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول چولپانلىرى ۋۇخەندە نامايان بولدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-11-29 12:55:57

 روبېرت باچياۋ، كاكا، رىۋالدو، فېيگې، تودى، بادىستۇتا قاتارلىق پۇتبول چولپانلىرىنى تونۇشىڭىز ياكى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەينى چاغلىرىدا چىملىق مەيداندا سانسىز توپ مەستانىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇ خەلقئارالىق پۇتبول چولپانلىرى بۈگۈنكى كۈندە بېشىغا ئاق كىرگەن «قېرى يىگىتلەر»گە ئايلاندى. بۇ قېرى يىگىتلەر 11- ئاينىڭ 26- كۈنى ۋۇخەندىكى چىملىق مەيداندا جەم بولۇپ دوستلۇق مۇسابىقىسى ئويناپ، نۇرغۇن مەستانىنى جەلپ قىلدى. مەستانىلەر مۇسابىقە كۆرۈش جەريانىدا بالىلىق چاغلىرىغا قايتقاندەك بولدى.

 2023- يىللىق دۇنيا دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول چولپانلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى 11- ئاينىڭ 26- كۈنى ۋۇخەن تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ياۋروپا چولپانلار كوماندىسى بىلەن ئامېرىكا قىتئەسى چولپانلار كوماندىسى 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە بەشكە قارشى بەش نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى، ئاخىرىدا نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق ياۋروپا چولپانلار كوماندىسى بەشكە قارشى ئالتە نەتىجە بىلەن ئامېرىكا قىتئەسى چولپانلار كوماندىسىنى يەڭدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش