دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

«نۇرغۇن ئوغۇل ئوقۇغۇچى يالاڭ تورنىكنى بىر قېتىممۇ تارتالمايدۇ»
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-11-29 12:51:07

− قىسمەن ئالىي مەكتەپلەردىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەپ كېتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش

 يالاڭ تورنىكتا ئالدى- كەينىگە پۇلاڭشىپ، بەدىنىنى بىرەر قېتتىمۇ يۇقىرىغا كۆتۈرەلمەيدۇ، بەش مىنۇتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا 800 مېتىر يۈگۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، بىناغا چىقىدىغان بولسا ئىككى پۇتى دىرىلدەپ تىترەيدۇ ...

 «شىنخۇا نەزەر نۇقتىسى» مۇخبىرى يېقىندا بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بايقىدى. نۇرغۇن ئوغۇل ئوقۇغۇچى يالاڭ تورنىك تارتىشتا ناھايىتى قىينىلىدىكەن، ئورۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرەشتە ھېچقانچە سەكرىيەلمەيدىكەن، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈشتە ئېتىلىش كۈچى يېتەرلىك ئەمەسكەن، «ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتىن قورقۇش» ئەھۋالى باركەن.

 مائارىپ مىنىستىرلىقى 2014- يىلى بېسىپ تارقاتقان «ئالىي مەكتەپلەر تەنتەربىيە خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى»دە: مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي چېنىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر يىلى بارلىق ئوقۇغۇچىنىڭ بەدەن ساپاسىنى سىناپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك، دەپ تەلەپ قىلىنغان. قانداق قىلغاندا ئالاقىدار تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟

 «ماغدۇرۇم يوق»، «يۈگۈرەلمەيمەن»

 «مەكتىپىمىزدىكى %40 ئوغۇل ئوقۇغۇچى يالاڭ تورنىك تارتىش سىناق تۈرىدە نومۇر ئالالمايدۇ، نۇرغۇن ئوغۇل ئوقۇغۇچى بىرنىمۇ تارتالمايدۇ، بەدەن ساپاسىنى تەكشۈرۈشتە ئەلا بولۇش نىسبىتى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلەۋاتىدۇ». شەندۇڭدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپ تەنتەربىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئون نەچچە يىل ئىلگىرى كۆپ قىسىم ئوغۇل ئوقۇغۇچى تورنىكنى 10 قېتىم، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تارتالايتتى.

 مۇخبىر ئىلگىرى يۈننەن داشۆسىگە بېرىپ نەق مەيداندا تەنتەربىيە بەدەن ساپاسىنى تەكشۈرۈش دەرسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان. ئوغۇللارنىڭ 1000 مېتىرغا يۈگۈرۈش نەتىجىسى كۆپىنچە لاياقەتلىك بولۇش سىزىقى ئەتراپىدا بولغان؛ مەلۇم سىنىپتىكى قىزلار 800 مېتىرغا يۈگۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرقى 50 مېتىرغا كەلگەندە، ناھايىتى قىينالغان، ئاخىرقى پەللىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن پۈكلىنىپ قالغان، چىرايى پۈرلىشىپ كەتكەن.

 2021- يىلى 11-ئايدا، يۈننەن داشۆسىدە 800 مېتىرغا يۈگۈرۈپ بولغان قىز ئوقۇغۇچىلار. (قۇراق سۈرەت) شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ رەنرەن فوتوسى

 بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسى تەنھەرىكەت ۋە تەن ساغلاملىق ئوقۇتۇش بۆلۈمى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ يىمىن ئىلگىرى «دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى ساغلاملىق ئۆلچىمى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قاتنىشىپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىق ئەھۋالىغا ئۇزاق مۇددەت دىققەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «گەرچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى ساغلاملىقى ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ، بەزى تۈرلەرنىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئۆلچىمى تۆۋەنلىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بەدەن ساپاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ».

 جاڭ يىمىن مۇنداق دېدى: داشۆ ئوغۇللار گۇرۇپپىسىنىڭ 1000 مېتىرغا يۈگۈرۈشىنى مىسالغا ئالساق، 1989- يىلى 60 نومۇر بىلەن لاياقەتلىك بولۇش ۋاقتى 3 مىنۇت 55 سېكۇنت بولغان، 2014- يىلى 4 مىنۇت 32 سېكۇنت بولۇپ، 37 سېكۇنت ئۇزارتىلغان. بۇ، 1989- يىلى ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ئوقۇغۇچىلار ئاخىرقى پەللىگە بېرىپ بولغاندا، 2014- يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار تېخى ئاخىرقى پەللىگە يەنە 100 مېتىر قالغان يەردە كېلىۋاتىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ.

 2021- يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 8- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش مەسىلىسى ئېغىر بولۇپ، سېمىزلىك، چىدامچانلىقى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىك ئىكەن.

 بېيجىڭدىكى بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى مۇنداق دېدى: بەدەن ساپاسىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار «كېسەللىك تارىخى» سېتىۋېلىپ، يالغان كېسەل بولۇپ رۇخسەت سوراپ، تىز بوغۇمۇمغا سۇ يىغىلىپ قالدى، يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچىكىم يارىلاندى، دېگەنلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ. «بىز كېسەللىك تارىخىنىڭ راست- يالغانلىقىنى بىر- بىرلەپ ئايرىپ بولالمايمىز، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلاردا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيمىز، شۇڭا تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ».

 بەزى ئوقۇغۇچىلار بەدەن ساپاسى ۋە ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن ھەتتا «ۋاكالەتچى» ئىزدەيدۇ. مۇخبىر تور ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا، بەزى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ۋاكالىتەن تەكشۈرۈشكە قاتنىشىپ بېرىش» ياكى «ئورنىغا ئىمتىھان بەرگۈزۈش» توغرىسىدا ئۇچۇر يوللىغانلىقىنى، بۇ تۈرلەرنىڭ ئاساسلىقى ئوتتۇرا، ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرگە مەركەزلەشكەنلىكىنى كۆردى. بەزى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى مۇنداق دېدى: «ئورنىغا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر»نى ئىزدىشىمىز بىر تەرەپتىن بەدەن ساپايىمىزنىڭ ناچارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنە بىر تەرەپتىن بەدەن ساپاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش، مۇكاپاتلاشقا باغلىۋېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

 بەدەن ساپاسى نېمە ئۈچۈن تۆۋەنلەپ كەتتى؟

 مۇخبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدە ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېنىقىشنى خالىماسلىقتەك سەۋەب بارلىقىنى، ھەم بۇنىڭ بەزى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بەدەن ساپاسىنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى، تەنتەربىيە دەرسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

 − قىسمەن ئالىي مەكتەپلەر «دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى ساغلاملىق ئۆلچىمى»نى قاتتىق ئىجرا قىلماي، بەدەن ساپاسىنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىگەن. «دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى ساغلاملىق ئۆلچىمى»گە ئاساسلانغاندا، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، سىناق نەتىجىسى 50 نومۇرغا يەتمىگەنلەر ئوقۇش تاماملىدى ياكى ئوقۇدى دېگەن ئۆلچەم بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

 نۇرغۇن ئالىي مەكتەپتىكى تەنتەربىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى مۇنداق بىلدۈردى: ھەر خىل ئامىللارنى ئويلاشقانلىقتىن، بۇ بەلگىلىمە نۇرغۇن ئالىي مەكتەپتە قاتتىق ئىجرا قىلىنمىدى، بەزىلىرى ھەتتا بىۋاسىتە سەل قارىغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىدا بەدەن چېنىقتۇرۇش، سىناشتا بوشاڭلىق قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

 جاڭ يىمىننىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەزى ئالىي مەكتەپلەردە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەدەن ساپاسى ساغلاملىق تەكشۈرۈشىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ھامان، تەنتەربىيە نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدەپ ماسلاشتۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن، بۇنىڭ بىلەن بەدەن ساپاسى ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى ئەينەن بولمىغان.

 − بەزى ئالىي مەكتەپلەردە تەنتەربىيە دەرسىنى تەسىس قىلىش مۇۋاپىق بولمىغان. داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە داشۆ تەنتەربىيە دەرسى كەم بولسا بولمايدىغان رولىنى جارى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇخبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھازىر نۇرغۇن ئالىي مەكتەپتە تەنتەربىيە دەرسلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئوخشاش بولۇپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنھەرىكەت ئېھتىياجىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ دەرسكە كىرىش ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

 «ھازىرقى تەنتەربىيە دەرسىدە ئاساسەن مەيداندا يېنىك ئاتلېتىكا، پۇتبول، ۋاسكېتبول قاتارلىق دەرسلەرنى ئوقۇيمىز، ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ.» بەزى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ھازىرقى دەرسلەردە ياشلار ياخشى كۆرىدىغان يوگا، ھەرىكەت ئارقىلىق ماينى سىيرىش، سىرتلارغا چىقىپ ئاڭلايدىغان «يېڭى تەنتەربىيە دەرسى» دېگەنلەر يوق دېيەرلىك ئىكەن.

 جاڭ يىمىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنتەربىيە دەرسىدە تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسىنىڭ ئۆلچىمى بار ئىكەن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرسىدە بىرلىككە كەلگەن دەرس ئۆلچىمى يوق ئىكەن. نۇرغۇن تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىدە ئادەتتە 1-، 2- يىللىقتىلا تەنتەربىيە دەرسى تەسىس قىلىنىدىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋاقتى كۆرۈنەرلىك يېتەرسىز بولۇپ، ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس ئىكەن.

 مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى ساغلاملىقىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020- يىلىغىچە، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن %30 بولغان.

 − بىر قىسىم داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چېنىقىش ئارزۇسى كۈچلۈك ئەمەس. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى مۇنداق دېدى: «بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيە دەرسىدە مەيداندا يان تېلېفون ئوينايدۇ، <ئىلگىرى>، <ئەتىگەنلىك>»...

 شەندۇڭدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتى لى جىڭلېي مۇنداق دېدى: «مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلىق باسقۇچىدا تەنتەربىيە دەرسى يوق، تەنتەربىيە ھەرىكىتىدە پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنىڭ ئاڭلىقلىقىغا تايىنىمىز. سىنىپتىكى پەقەت %10 ساۋاقداشلا ئادەتتە قانۇنىيەتلىك ھالدا بەدەن چېنىقتۇرىدۇ، ۋاسكېتبول ئوينىماقچى بولساقمۇ ئادەم توشقۇزالمايمىز. يا يازدا ئىسسىق، ياكى قىشتا سوغۇق دەيدۇ، يا بولمىسا باشقا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

 زىيارەتنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى مۇنداق دېدى: «ئاشخانىغا پىيادە بېرىپ تاماق يېيىشكىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلىۋاتساق، يەنە نېمىگە ھەرىكەت قىلىمىز؟»، «ئەتىگەن سائەت سەككىزدىكى كەسپىي دەرسكىمۇ چىقالمايۋاتساق، قانداقمۇ ئەتىگەنلىك يۈگۈرۈشكە بارالايمىز؟» «يان تېلېفوننىڭ ئوينىغىدەك يېرى قالمىدىمۇ ياكى تورغا چىقىش زېرىكىشلىك بولۇپ قالدىمۇ؟»...

 كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش كېرەك

 زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلار مۇنداق بىلدۈردى: داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئۆزىگە چۈشۈرىدىغان بېسىمىنى ئاشۇرۇش»ىغا توغرا كېلىپلا قالماي، يەنە ئالاقىدار تارماقلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ بىرلىشىپ تۈرتكە بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

 مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىلدۈردى: ئالاقىدار ئۆلچەملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. 2021- يىلى، يۈننەن داشۆسى ئوتتۇرىغا قويغان «ئەڭ قاتتىق تەنتەربىيە مەكتەپ تۈزۈمى قائىدىسى»نىڭ مۇنۇ مەزمۇنى توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان: 2021- يىلى كۈزدە ئوقۇشقا كىرگەن ئالىي مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلاردىن باشلاپ، ھەرقانداق بىر ئوقۇش يىلىدا بەدەن ساپاسى سىنىقىدىن ئۆتەلمىسە، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ئالالمايدۇ.

 «بۇنى يۈننەن داشۆسى تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلغان ئەمەس، بەلكى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسى». يۈننەن داشۆسى تەنتەربىيە شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ زۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: مەكتەپ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى سىنىقىدا لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ، 2018- يىلىدىكى %68.6تىن 2022- يىلىدىكى %90.3كە يەتتى. ھازىر ئوقۇغۇچىلار بەدەن چېنىقتۇرۇشقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، ھەر كۈنى كەچ سائەت 8- 9 لاردا، مەكتەپ مەيدانىدا ئۇلارنىڭ چېنىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

2023- يىل 11- ئاينىڭ 21- كۈنى، يۈننەن داشۆسى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ 1000 مېتىرلىق بەدەن سساپاسىنى سىناش نەق مەيدانى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ رەنرەن فوتوسى

 چىڭخۇا داشۆسى تەنتەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ بو مۇنداق تەكلىپ بەردى: مەكتەپ ئۆز شارائىتىغا ئاساسەن تېخىمۇ كۆپ ئالاھىدە دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنھەرىكەت قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەرسە بولىدۇ. ھازىر، چىڭخۇا داشۆ تولۇق كۇرسنىڭ تۆت يىلىدا تەنتەربىيە دەرسى تەسىس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماھارەت تەنتەربىيەسى، ئىستىراھەت تەنتەربىيەسى، مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەسى ۋە تەنھەرىكەت ئارقىلىق داۋالاش دەرسى قاتارلىق 50 نەچچە تۈرنى تەسىس قىلدى، ئاسپىرانتلار ئۈچۈن تاللاپ ئوقۇيدىغان تەنتەربىيە دەرسى تەسىس قىلدى.

 بۇنىڭدىن باشقا، تەنتەربىيە دەرسىنىڭ نەتىجە قۇرۇلمىسى، باھالاش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بەدەن ساپاسىنى سىناشتا ساختىلىق قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. خېفېي سانائەت داشۆسىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى چېڭ شوۋيۈن مۇنداق دېدى: «مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش دەرسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى قىسمىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، <تەنتەربىيە> نى<2->دىكى زۆرۈر دەرس بۆلەكلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش قاتتىق كۆرسەتكۈچى قىلدى. تەنتەربىيە دەرسىنىڭ نەتىجىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى چېنىقىشى بىلەن باغلاندى، تەنتەربىيە دەرسىدە دەرسخانا سىنىقى ۋە مەۋسۇملۇق باھالاش 60 نومۇرنى، نەزەرىيە ئۆگىنىش 10 نومۇرنى، دەرستىن سىرتقى بەدەن چېنىقتۇرۇش 30 نومۇرنى ئىگىلىدى، دەرستىن سىرتقى بەدەن چېنىقتۇرۇش جەريانىدا ساغلام يۈگۈرۈش ھەرىكىتى %60تىن كەم بولماسلىق، ئەقلىي سىستېما ئارقىلىق باشقا تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنى ئالدىن كېلىشىش %40تىن ئېشىپ كەتمەسلىك  تەلەپ قىلىندى.

 ئورنىغا ئىمتىھان بەرگۈزۈش قاتارلىق ساختىلىق قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خېفېي سانائەت داشۆسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئادەم بىلەن كىنىشكا بىردەك بولغاندىن كېيىن ئاندىن سىناق قىلدى؛ ئەنخۇي داشۆ كىملىك ۋە چىراي پەرقلەندۈرۈش تەكشۈرۈشىدىن ئىبارەت قوش دەلىللەش ئارقىلىق، ئورنىغا ئىمتىھان بەرگۈزۈش ئەھۋالىنى بايقىغان ھامان قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

 تېخىمۇ مۇھىمى، تەنتەربىيە بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ياخشى چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. چىڭخۇا داشۆدە، تولۇق كۇرسنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، «تەنتەربىيە بىرىنچى دەرسى» ئارقىلىق «تەنتەربىيە بولمىسا، چىڭخۇا داشۆ بولمايدۇ» دېگەن تەنتەربىيە ئەنئەنىسى ۋە روھىنى ھېس قىلدى. يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يالاڭئاياغ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مەكتەپ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە تۈرىنى تېپىپ، ئۆزىگە تەۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتى.

 «ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردىن ئىككىگىچە تەنھەرىكەت ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۆمۈرۋايەت چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، بارلىق ئوقۇغۇچىغا يۈزلەنگەن، پۈتكۈل جەريانغا ئىزچىللاشتۇرۇلغان، ئادەم تەربىيەلەشكە سىڭدۈرۈلگەن مەكتەپ تەنتەربىيە مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلسا بولىدۇ.» ليۇ بو مۇنداق دېدى: «تەنتەربىيە چېنىقىشىدا ھازىرلانغان ئىچكى تەربىيە قىممىتىنى جەمئىيەت تۇرمۇشىدا تەشەببۇس قىلىنىدىغان ئېسىل پەزىلەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆمۈرلۈك نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ». (مۇخبىرلار: تەن موشياۋ، شۇ جىڭ، جاڭ لىيۈەن، جوۋ چاڭ، يۆ رەنرەن)

 پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش