دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

كىچىك بازاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ تېز تېيىلىش كوماندىسى ئۆزى ياسىغان مۇز تېيىلىش يولىدىن مەملىكەتلىك مۇسابىقە مەيدانىغا يۈرۈش قىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-11-27 12:17:26

【مەن گۈزەل شىنجاڭدا】

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

باش قىش مەزگىلىدە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ فۇكاڭ شەھىرىدە تېمپېراتۇرا بىردىنلا تۆۋەنلىدى. «پۇت ھەرىكىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، كۈچەپ دەسسەڭ، مۇشۇ ھالەتنى ساقلاڭ...» 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سەھەردە، زىنچۈەنزى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدىكى سېمونت يولدا، تېز تېيىلىش كوماندىسىنىڭ ئون نەچچە ئەزاسى مەشىقنى باشلىۋەتكەنىدى.

زىنچۈەنزى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ تېز تېيىلىش كوماندىسى 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، 1995 - يىلى دۆلەت دەرىجىلىك «مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ» بولۇپ باھالانغان، ھازىرغىچە دۆلەتلىك ماھىر دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچىدىن يەتتىنى، دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچىدىن سەككىزنى، 2 -، 3 - دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچىدىن 130نى يېتىشتۈردى.

مۇز يولىدا تۈرلۈك - تۈمەن قېتىم تاۋلانغان، مۇسابىقە مەيدانىدا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتقان بۇ «ئارزۇ ئەترىتى» قانداق تاۋلاندى؟ مۇخبىر زىنچۈەنزى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ زىيارەت قىلدى.

كىچىك بازاردىكى بالىلار ئىختىساسلىقلارنى بايقاش ماھىرىغا ئۇچرىدى

«تېز تېيىلىش كوماندىسىنى تىلغا ئالغاندا، تېز تېيىلىش ئىختىساسلىقلىرىنى بايقاش ماھىرى جاڭ يۈجۇنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ» دېدى فۇكاڭ شەھىرى زىنچۈەنزى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جى خۇڭجۈن مۇخبىرغا.

«جاڭ يۈجۇ مەكتەپ تېز تېيىلىش كوماندىسىنىڭ 2 - ئەۋلاد تىرېنېرى.» جى خۇڭجۈن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىز يېزا - بازارلىق مەكتەپكە تەۋە، تېز تېيىلىش مەشىقىدە مەكتەپ تەمىنلىيەلەيدىغان مەيدان، ئۈسكۈنە ۋە مۇسابىقە خىراجىتى ئىنتايىن چەكلىك. تېز تېيىلىش كوماندىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئۈسكۈنە، خىراجەت، مەيدان يوق بولۇشتەك قىيىنچىلىق ئالدىدا جاڭ يۈجۇ ۋاز كەچمىدى. ئۈسكۈنىلەر بولمىسا، ئۇ ئامال قىلىپ تېيىلىش تاختىسى، سۆرەش تاسمىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزى ياسىدى؛ مەيدان بولمىسا، ئۇ قول ھارۋىسى بىلەن سۇ توشۇپ مەكتەپ مەيدانىدا مۇز مەيدان ياسىدى؛ خىراجەت بولمىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئانچە يۇقىرى بولمىغان كىرىمى بىلەن كوماندا ئەزالىرىغا مۇز تېيىلىش ئايىغى ۋە كىيىمى ئېلىپ بەردى... جاڭ يۈجۇنىڭ باشلامچىلىقىدا تېز تېيىلىش كوماندىسىنىڭ سەۋىيەسى تېز سۈرئەتتە ئۆستى.

ھازىرقى تىرېنېر رېن چاۋ تېز تېيىلىش كوماندىسىنىڭ قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەيدىغان، يېڭىلگىنىگە مەڭگۈ تەن بەرمەيدىغان جان تىكىپ ئېلىشىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كىچىك بازاردىكى تېخىمۇ كۆپ بالىلارنى تېز مۇز تېيىلىش بويىچە مەشىقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە رىشتە باغلىشىمنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم.» بۇ يىل 15 ياشقا كىرگەن خۇ زىشۈەن 5 - يىللىقتا ئوقۇۋاتقاندا ئىشنى نۆلدىن باشلاپ تېز مۇز تېيىلىشنى ئۆگەندى. مۇز ئۈستىدە ئورۇندا تۇرۇپ مېڭىش، تىك تۇرۇش، زوڭزىيىپ تۇرۇش قاتارلىق ئاساسىي ماھارەتلەرنى بىر مەشىق قىلغانچە ئىككى - ئۈچ ئاي مەشىق قىلدى، قايتا - قايتا يىقىلىپ چۈشكەچكە، پۇتىنىڭ بىر يېرى كۆكۈرۈپ، بىر يېرى قىزىرىپ قالاتتى، يىغلاپ بولغاندىن كېيىن، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ داۋاملىق مەشىق قىلاتتى. تىرېنېر ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشىدا، خۇ زىشۈەن بەرداشلىق بەردى، تۆت يىلغا يېقىن جاپالىق مەشىق قىلىش نەتىجىسىدە ئۇ شەرەپ بىلەن 2020 - يىللىق «مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ»لەر تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە 8 - بولۇشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.

«بىزنىڭ نىشانىمىز زىنچۈەنزى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنى چاقلىق كانكى تېيىلالايدىغان، ھەممىسىنى مۇز تېيىلالايدىغان قىلىش» دېدى جى خۇڭجۈن.

مۇز ئۈستىدە ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كۆپ قېتىم قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىش

زىنچۈەنزى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەندە، ئوچۇق قىزىل رەڭدىكى كاۋچۇكلۇق يۈگۈرۈش يولى ۋە چىملىق مەيدان كىشىلەرنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدۇ. «يېڭى مەيدان 2021 - يىلى رېمونت قىلىنغان، ھازىر چاقلىق كانكى تېيىلىش مەشىقى مۇشۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى چاقلىق كانكى تېيىلىش مەشىقىنى مەكتەپتىكى دەرەخلىك يولدا ئېلىپ باراتتۇق، سېمونت يول بار جايلارنىڭ ھەممىسىدە مەشىق قىلىۋاتقان بالىلارنى كۆرگىلى بولاتتى» دېدى رېن چاۋ كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىگە قارىغىنىچە مەمنۇن بولغان ھالدا.

2017 - يىلى 7 - ئايدا، تېز تېيىلىش كەسپىنى پۈتكۈزگەن رېن چاۋ زىنچۈەنزى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولدى. مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن، رېن چاۋ تېز تېيىلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ، كەسپىي جەھەتتىن سىستېمىلىق مەشىقلەندۈرۈشنى باشلىدى. «تېز مۇز تېيىلىش مەكتىپىمىزنىڭ بىر ئەنئەنىۋى تۈرى، ئوقۇغۇچىلار 3 -، 4 - يىللىقتىن باشلاپ چاقلىق كانكى تېيىلىشنى ئۆگىنىدۇ، 5 - يىللىقتىن باشلاپ مۇز تېيىلىشنى سىناق تەرىقىسىدە ئۆگىنىدۇ. تېز تېيىلىش كوماندىسىدىكى 15 ئەزادىن باشقا، شەنبە كۈنى 40قا يېقىن ئوقۇغۇچى چاقلىق كانكى تېيىلىش ۋە تېز تېيىلىشنى ئۆگىنىدۇ.» رېن چاۋ مۇنداق دېدى: مەكتەپنى پۈتكۈزگەن نۇرغۇن بالىنىڭ چاقلىق كانكى تېيىلىش ۋە مۇز تېيىلىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك تەنتەربىيە ماھارىتى بار.

ھەر يىلى قىش كەلگەندە، ئۇزۇنلۇقى 270 مېتىر كېلىدىغان مۇز يولى زىنچۈەنزى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەڭ ئاۋات جايغا ئايلىنىدۇ، مۇز يولىنى رېن چاۋ تېز تېيىلىش ئەترىتىدىكىلەرنى باشلاپ ئاز - ئازدىن سۇ توشۇپ كېلىپ مۇز قاتۇرۇپ ياسىغان. «ئىلگىرى مەكتەپتە مۇز ياساش ماشىنىسى يوق ئىدى، توپىلىق مەيدان ئېگىز - پەس بولۇپ، مۇزنى بەك تېز قاتۇرغىلى بولمايتتى، بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن تەكشى قاتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى، بەزىدە يەنە ئالدى بىلەن مەيداننى چۆرىدەپ توسۇپ، سۇنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلەتتى» دېدى رېن چاۋ.

ئالتە يىلدىن بۇيان، رېن چاۋ بارلىق زېھنىنى تېز تېيىلىش كوماندىسىغا سەرپ قىلدى، ئوقۇغۇچىلارمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، ھەرقايسى چوڭ مۇسابىقىلەردە كەينى - كەينىدىن ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتتى: 2019 - يىلى 1 - ئايدا، مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە قىشلىق لاگېرى شىنجاڭ بېكىتى شۈيشىگوۋ تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە 2 ئالتۇن مېدال، 3 كۈمۈش مېدال، 1 مىس مېدالغا ئېرىشتى؛ 2020 - يىلى 1 - ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ تېز مۇز تېيىلىش يىللىق مۇسابىقىسىدە 6 ئالتۇن مېدال، 4 كۈمۈش مېدال، 8 مىس مېدالغا ئېرىشتى؛ 2021 - يىلى، سانجى ئوبلاستلىق مۇز ئۈستى ئەنئەنىۋى تۈر مەكتەپلىرى (قار - مۇز تەنھەرىكىتى خاس مەكتىپى)نىڭ تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە، ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئومۇمىي نومۇردا 1 - بولۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك شەرەپلەرگە ئېرىشتى...

تېخىمۇ چوڭ سەھنىگە چىقىشنى ئارزۇ قىلىش

قوزغىلىش، كۈچەپ دەسسەش، تېيىلىش، ئاتاكىغا ئۆتۈش... تېز مۇز تېيىلىشتا سۈرئەت چاقماقتەك تېز، تاكتىكا كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ سۈرئەت، چاققانلىق، تېخنىكا، بەدەن ئىقتىدارى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارغا ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بىر تەنھەرىكەت تۈرى.

بۇ يىل 15 ياشقا كىرگەن ما خەيجۈەن زىنچۈەنزى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 9 - يىللىق 2 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى، شۇنداقلا تېز تېيىلىش كوماندىسىدىكى «تېز تېيىلىش كىچىك چولپىنى». ما خەيجۈەن تېز تېيىلىشنى پەقەت ئىككى يىللا ئۆگەنگەن بولۇپ، جاپالىق مەشىقلىنىشكە ئىنتايىن كۈچلۈك پارتلاش كۈچى قوشۇلۇپ، ئۇنى مۇسابىقە مەيدانىدا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، 2022 - يىلى ما خەيجۈەن شىنجاڭ تېز تېيىلىش كوماندىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاندى.

«ھازىر، مۇز مەيداننى قاتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، مەشىقلەندۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يىل ئاخىرىدىكى <مۇز>لەر مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىمىز» دېدى رېن چاۋ.

زىنچۈەنزى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 30 يىللىق قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش تارىخى بار. جى خۇڭجۈن كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىز مەيدان قۇرۇلۇشى، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئىختىساسلىقلىرىنى قېزىپ چىقىدۇ ۋە يېتىشتۈرىدۇ. بالىلارنىڭ تېز تېيىلىش تەنھەرىكىتىدە تېخىمۇ يىراققا «تېيىلىپ»، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە، ھەتتا دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش