دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلەر كەلدى! شىنجاڭ پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى بەك قالتىس ئۆتكۈزۈلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-11-27 13:08:39

 تىيانشان تورى – شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار شيې جى، شۈ شيەنخاۋ، ليۇ يۈەن خەۋىرى، فوتوسى) 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، 2023-يىللىق «ئاتۇش لوڭقىسى» شىنجاڭ پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن كەلگەن توققۇز ۋەكىللەر كوماندىسى 12 كۈنلۈك كەسكىن مۇسابىقىلەشكەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا تۇرپان كوماندىسى بىلەن سانجى كوماندىسى نۇقتا توپ تېپىش جېڭى ئارقىلىق، تۇرپان كوماندىسى 4:3 نەتىجە بىلەن «ئاتۇش لوڭقىسى» شىنجاڭ پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.
    «ئاتۇش لوڭقىسى» شىنجاڭ پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى ھەم بىر مەيدان كاتتا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ھەم ئاتۇش شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، شەھەر ئوبرازىنىڭ مەركەزلىك نامايان قىلىنىشى، تېخىمۇ مۇھىمى ساياھەت كەسپى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە پۇتبول مەدەنىيىتىنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشى بولدى. بۇ قېتىمقى تەكلىپ مۇسابىقىسىدە ئاتۇشتىكى ئاممىنىڭ پۇتبولنى سۆيۈش، يۇرتىنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈشتىن ئىبارەت ياخشى روھىي قىياپىتى تولۇق نامايان قىلىندى. ئاتۇش شەھىرى ئولىمپىك روھىنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ سىڭدۈرۈپ، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش