دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

ھەپتىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرىگە نەزەر| شىنجاڭ تىيانشان ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى شەنشى تيەنزې ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-11-23 14:36:37

      ● جۇڭگولۇق ماھىر يەن لاڭيۈ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاياغلاشقان بىرمىڭھام قاڭقىما كارىۋات دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر تور ئۈستى يەككە تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

    ● 2023-يىللىق دۇنيا سىنوكېر خەلقئارا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى كېچىدە تيەنجىندا ئاياغلاشتى، جۇڭگو ماھىرى جاڭ ئەندا كەسپىي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم رەت تەرتىپ مۇسابىقسىدە چىمپيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا رەت تەرتىپىدە 15-ئورۇنغا ئۆرلىدى.

    ● 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، 2023-يىللىق يەلكەنسىمان پاراشۇتتا بەلگىلەنگەن نۇقتىغا سەكرەش دۇنيا لۇڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى. جۇڭگولۇق ماھىر چېن ياڭ، گو جىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەرلەر گۇرۇپپىسى، ئاياللار گۇرۇپپىسىنىڭ يىللىق چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.

   ● 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى خۇڭسەن تەنتەربىيە سارىيىدا، 2024—2023-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(WCBA)دە، شىنجاڭ تىيانشان ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 78:68 نەتىجە بىلەن شەنشى تيەنزې ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە ئاكتىپ بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش روھىنى نامايان قىلدى، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى.   

    ● 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2024—2023-يىللىق قىشلىق قار-مۇز ساياھىتى بويىچە تۇنجى قار تېيىلىش مۇراسىمى يىپەك يولى تاغلىق جاي ئىستىراھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى بۇ يەردە قار تېيىلىش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولدى.

    ● 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، 2024—2023-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 9-ئايلانما تولۇقلىما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 112:105 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ بېيكۇڭ كوماندىسىنى يەڭدى.

    ● خەلقئارا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بىرلەشمىسى 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە شىۋتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزدى، شىۋتسارىيەلىك لېئونز ئەدىر يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلقئارا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

     ئالدىنقى ھەپتىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ>>>

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش