● 9-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، 19-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى.
● 1329 نەپەر ئەزا، 886 نەپەر تەنھەرىكەتچىدىن تەركىب تاپقان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئاتلاندى! جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى 38 چوڭ تۈر، 407 كىچىك تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئەڭ چوڭى 60 ياش، ئەڭ كىچىكى 13 ياش، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 19 مىللەتتىن بولغان 71 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت تەنھەرىكەتچىسى بار.
● 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، 19-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ساھىل ۋالىبول گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئەرلەر ساھىل ۋالىبول كوماندىسى 0گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن پەلەستىن كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلدى.
● خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە ئاخىرلاشقان بىر مەيدان پۇتبول گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئەرلەر ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كوماندىسى 1گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن ھىندىستان كوماندىسىنى يەڭدى.
● 9-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە، جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى رەقىبى بىرما كوماندىسىنى 0گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يەڭدى، ئۇلار مۇشۇ سەۋەبتىن مۇددەتتىن بۇرۇن 16 كۈچلۈك قاتارىغا كىردى.
● جۇڭگو ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى. ئاخىرىدا، جۇڭگو ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسى 3:0 نەتىجە بىلەن قىرغىزىستان كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلىدى.
● 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار تىكتاك توپ كوللېكتىپ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى 0گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن جۇڭگو ئاۋمېن كوماندىسىنى يېڭىپ، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.
● 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، خاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلگەن 19-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار يېنىك دەرىجىلىكلەر ئىككى كىشىلىك-ئىككى باشلىق پالاقلىق قېيىق مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ماھىرى زۇ جياچى بىلەن چيۇ شيۇپىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ يەنە بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدال ھېسابلىنىدۇ.
● 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، خاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلگەن 19-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر ئىككى كىشلىك تاق پالاقلىق رولچىسىز قېيىق مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو شياڭگاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرىكمىسى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، بۇ، جۇڭگو شياڭگاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئېرىشكەن تۇنجى ئالتۇن مېدال ھېسابلىنىدۇ.
ئالدىنقى ھەپتىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ>>>
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى