دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش «پەرۋىشكارلار سەپىرى ــ شىنجاڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» ئاقسۇغا كەلدى ۋىلايىتىمىزدە ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسى تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتى باشلاندى 2023 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيانى زاپاس ساقلاش پەن ـ تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى ۋىلايەتنىڭ 2021 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە بولغان مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان يەرلىكلەر ئارا كارخانىچىلار ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن دائىم كۆرۈلىدۇ تاغلىق رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، قىيان گېئو ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قارامايدا ئېچىلدى لياڭ فېڭيۈەن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ياخشى باشلاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

ۋىلايىتىمىزدە «مەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىمەن» تېمىسىدا تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە تاللاش مۇسابىقىسى باشلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-26 12:06:06

   ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايىتىمىز ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پائال تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، 5 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە «مەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىمەن» تېمىسىدا 20 تۈرلۈك ئاممىۋى تەنھەرىكەت يۈرۈشلۈك تاللاش مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ۋالىبول، قاپقا توپ، بىليارت تۈرلىرى بويىچە تاللاش مۇسابىقىسى يېقىندا باشلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، مۇسابىقە تۈرى جەمئىي 20 بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا: ۋاسكېتبول، پۇتبول، ۋالىبول، تىكتاك توپ، پەي توپ، تېننىس توپ، خېچيۇ، مەيدان ئۇسسۇلى، تەنتەربىيە ئۇسسۇلى، بىليارت، جەمئىيەت تەنتەربىيەسى يېتەكچىلىرىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ماھارىتى، بەدەن چېنىقتۇرۇش يەل گۇمپىسى، سۇ ئۈزۈش، رادىيو گىمناستىكىسى، غالتەكلىك كانكى، قاپقا توپ، تەپكۈچ، ساغلاملىق گىمناستىكىسى (ئۇسسۇلى)، چامباشچىلىق (تەيجى گۇمپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بەدەن چېنىقتۇرۇش يوگاسىدىن ئىبارەت.

62 ياشلىق يۇڭ جېنگو ۋىلايەتلىك قاپقا توپ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن قاپقا توپتىن ئىبارەت ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان بۇ تەنھەرىكەت تۈرىنى كېڭەيتىشكە ئىزچىل قاتناشتىم، ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان، مەن چوقۇم ئەستايىدىل مۇسابىقىلىشىپ، ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىمەن.

ماھارەت كۆرسىتىش تۈرلىرىدىن ۋېلىسىپىت مىنىش، مارافونچە يۈگۈرۈش، يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش، بەدەن چېنىقتۇرۇپ پىيادە مېڭىش، ئەجدىھا قولۋاق قاتارلىقلار بار. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ۋىلايىتىمىز تۇنجى قېتىم ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇپ پىيادە مېڭىش باش تېمىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى.

ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەنتەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زېڭ پېڭ مۇنداق دېدى: بىز شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، بەدەن شارائىتىغا قاراپ مۇسابىقە بېكىتىش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش شەكلىنى قوللىنىپ، ئەجدىھا قولۋاق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا نىسبەتەن ئارقىدا قېلىشتەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، مۇسابىقىگە پائال تەييارلىق قىلىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتاكىغا ئۆتىمىز. «مۇسابىقە ئارقىلىق جەلپ قىلىش + ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش» شەكلى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇسابىقىسى، مەھەللە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ھەپتە ئاخىرىدىكى مۇسابىقە مەيدانى قاتارلىق «كىچىك، سەرخىل، قىزىقارلىق» مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ماھارەت تەنتەربىيەسى بىلەن ئاممىۋى تەنتەربىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

زېڭ پېڭ مۇنداق دېدى: ۋىلايىتىمىز ئاممىنىڭ ئەتراپىدا «تەنتەربىيە سارىيى» بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دوۋيىن، كۇەيشوۋ قاتارلىق قىسقا سىن سۇپىلىرى ئارقىلىق ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتىگە ئائىت سىن كۆرۈنۈشىدىن 150 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق تارقىتىپ، ئامما ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش