ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ۋىلايىتىمىز ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «جۇڭگو ئارزۇسى . ئەمگەك گۈزەل . شىنجاڭ ياخشى ـــ قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى ئۇرغۇتۇپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش» تېمىسىدىكى 2023 ـ يىللىق شىنجاڭ بويىچە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر پەي توپ مۇسابىقىسى ئاقسۇ تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى.
شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 35 ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 327 نەپەر ئىشچى ـ خىزمەتچى بىر مەيداندا مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقىدە ئۈچ تۈرلۈك كوللېكتىپ مۇسابىقە، بەش تۈرلۈك شەخسلەر مۇسابىقىسى تەسىس قىلىندى، مۇسابىقە بەش كۈن داۋاملىشىدۇ، مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جان تىكىپ ئېلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك روھىي قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىشتىن ئىبارەت.
شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى كەڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەنتەربىيە ـ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، ئىشچىلار مەدەنىيەت يۇرتى، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق مەيدان ـ ساراي، سورۇنلارنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋاقىت، ئورۇن، ئېھتىياجغا ئاساسەن مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى ئاممىۋى پاراۋانلىق، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە خىزمىتىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.
ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار نازارەت، ئىدارە ۋە ۋىلايەتنىڭ رەھبەرلىرىدىن سۈن شىنچۇن، ئېلدوس مۇرات، چاڭ يۈشۈەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش