ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى ۋە تەكلىماكاننى ئايلىنىش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتى ئاقسۇ شەھىرىدىكى كىنو كىچىك بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت: ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياخشى روھىي قىياپىتى ۋە جەمئىيەت مۇھىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ئاقسۇ مۇسابىقە رايونى ئۈچۈن قىزغىن، قويۇق كەيپىيات يارىتىشتىن ئىبارەت.
باشلاش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ تەكلىماكاننى ئايلىنىش ئاپتوموبىل ـ موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى كۇلۇبى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاقسۇ شەھىرى ئېگەرچى بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە تەنتەربىيە سايمانلىرى ئىئانە قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، پائالىيەت مەزگىلىدە يەنە قاپقا توپ مۇسابىقىسى، ۋالىبول مۇسابىقىسى، بىليارت مۇسابىقىسى ۋە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ۋىلايەت ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «ئېچىۋېتىلگەن، ھەمبەھرىلىك، يۇغۇرۇلغان، ئىجادىي بولۇش» ئىدىيەسىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى، تەنتەربىيە مەيدانى قۇرۇلۇشى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى، ماھارەت تەنتەربىيەسى، «تەنتەربىيە + » يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ساغلام ئاقسۇ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشتى.
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چاڭ يۈشۈەن پائالىيەتكە قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش