ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دوھا، 5-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، قاتارنىڭ دوھادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2023-يىللىق قاتار ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى قاتار، تاجىكىستان، لىۋان كوماندىلىرى بىلەن بىللە A گۇرۇپپىغا ئايرىلدى.
پۈتكۈل چەك تارتىش نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:
A گۇرۇپپا: قاتار، جۇڭگو، تاجىكىستان، لىۋان؛
B گۇرۇپپا: ئاۋسترالىيە، ئۆزبېكىستان، سۈرىيە، ھىندىستان؛
C گۇرۇپپا: ئىران، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، جۇڭگو شياڭگاڭ، پەلەستىن؛
D گۇرۇپپا: ياپونىيە، ھىندونېزىيە، ئىراق، ۋيېتنام؛
E گۇرۇپپا: كورىيە، مالايسىيا ، ئىئوردانىيە، بەھرەيىن؛
F گۇرۇپپا: سەئۇدى ئەرەبىستانى، تايلاند، قىرغىزىستان، ئومان.
بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش