دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

2023 - يىللىق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يىغىنى قەشقەردە ئېچىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-06-02 10:17:58

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، گاۋ يۈنلۇڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، شۈ لېجياڭ، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى

5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، 2023 - يىللىق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يىغىنى قەشقەردە ئېچىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2023 - يىللىق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يىغىنى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى قەشقەردە ئېچىلدى، يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەڭ پۇقراۋى كارخانىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق ياردەم قىلىش - يۆلەش، ئەمگەك مۇلازىمىتى ھەمكارلىقى، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش، مەبلەغ ئارقىلىق قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ سۆز قىلدى.

يىغىننى مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى، جۇڭگو شەرەپلىك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ لېجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن قاتناشتى. دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خۇاڭ يەن سۆز قىلدى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى رەھبەرلەر ۋە ئەزىز مېھمانلارنى سەمىمىي قارشى ئالدى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتقان مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ھەمدە كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەخسۇس سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا. ھازىر، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ھاسىل قىلىندى، يوشۇرۇن كۈچى قويۇپ بېرىلدى. مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشتە چوڭ - چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىياتىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق، ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە مۇلازىمەت قىلىشىنى، كاپالەتلىك قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. شىنجاڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، قوللايدىغان، ئاسرايدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدا خاتىرجەم مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

گاۋ يۈنلۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۇقراۋى كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق دەۋر مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا «ئىككى ساغلام»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قاتنىشىش جەريانىدا، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلار پۈتۈن جەمئىيەتكە پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىنى ۋە دۆلەت قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىدىغان، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسى شەرەپلىك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتنى گۈللەندۈرۈش» ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە كۈچ قوشۇپ، ئىستېمال ئارقىلىق ياردەم قىلىش - يۆلەش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئامما ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىش پىلانى ۋە «پۇقراۋى كارخانىلار چېگرا رايونغا كىرىش» ھەرىكىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى يۇغۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەش، ۋەزىيەتكە ماسلىشىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كەڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى كارخانىلارنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم مەزمۇن قىلىشىنى؛ ھەر دەرىجىلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پائال تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇشىنى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ قوللاش، مۇلازىمەتنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ياخشى مۇھىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى، جۇڭگو شەرەپلىك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە پائال تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ، تېخنىكا، باشقۇرۇش، بازار قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس بايلىقىنى يەنىمۇ ياخشى ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى كارخانىچىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ چوڭ دائىرە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھە بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكە، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خۇاڭ يەن مۇنداق دېدى: دىققەتنى قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ياردەم قىلىش - يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكە دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىستېمال ئارقىلىق ياردەم قىلىش - يۆلەش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سىجىل كۈچەپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى پۇقراۋى كارخانا قاتارلىق جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىدۇ.

قەشقەر ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار تونۇشتۇرۇپ سۆز قىلدى. گۇاڭدۇڭ خېڭشىڭ گۇرۇھى، يۆشىڭ گۇرۇھى، قەشقەر ئاۋدۇ شېكەرچىلىكى، شىنجاڭ مېيشۈ توقۇمىچىلىقى، شىنجاڭ زىجىن سىنكچىلىكىنىڭ مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

يىغىندا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست قىسمەن پۇقراۋى كارخانىلار بىلەن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 64نى ئىمزالىدى، ئىمزالانغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 44 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولدى. يىغىندا ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرى بويىچە ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان ئالاقىدار خادىملار يەنە قەشقەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فاڭ گۇاڭخۇا، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ جاۋ دېجياڭ؛ ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۆلكىلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ سۈيفېڭ، شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۆلكىلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ سۈيليەن، جياڭشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۆلكىلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شيې رۇ؛ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادىن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، شۆ بىن، مەردان مۇقىيىت، ليۇ خۇيجۈن، لى جېنگو، مۇتەللىپ مەتتوختى، لى يۇڭخۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ قىسمەن مۇئاۋىن رەئىسلىرى، جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى، جۇڭگو شەرەپلىك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، جەنۇبىي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار كارخانىچىلار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار تارماقلار، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ناھىيە، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش