دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-06-01 12:28:24

5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىدە تارتىلغان شېنجوۋ 15 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بىلەن چۈشكەن «ئائىلە سۈرىتى» كۆرۈنۈشى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جيې فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جيۇچۈەن، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 9دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئېلىپ ماڭغان چاڭجېڭ 2 - نومۇرلۇق F تىپلىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 16 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئوت يېقىلىپ قويۇپ بېرىلدى، تەخمىنەن ئون مىنۇتتىن كېيىن، شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى راكېتادىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلىپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىردى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، قويۇپ بېرىش تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 16دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە، بوشلۇق پونكىتى تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىگە رادىيال يۆنىلىشتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇدۇللاشقان، پۈتكۈل ئۇدۇللىشىش جەريانى تەخمىنەن 6.5 سائەت داۋاملاشقان. سائەت 18دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، تەلمۈرۈپ كۈتكىنىگە ئۇزاق بولغان شېنجوۋ 15 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى «ئۆينىڭ ئىشىكى»نى ئوڭۇشلۇق ئېچىپ، يىراقتىن كەلگەن شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ «تيەنگۇڭ»غا كىرىپ ئورۇنلىشىشىنى قارشى ئالغان. ئارقىدىن بۇ ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى «ئائىلە سۈرىتى» چۈشۈپ، ئۇلارنى ياد ئېتىپ تۇرغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بىرلىكتە ئامان - ئېسەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كېيىن، ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بوشلۇق پونكىتىدا ئوربىتىدا نۆۋەت ئالمىشىدىكەن. بۇ مەزگىلدە، ئالتە ئالەم ئۇچقۇچىسى بوشلۇق پونكىتىدا تەخمىنەن بەش كۈن بىللە خىزمەت قىلىپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بەلگىلەنگەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تاماملايدىكەن. بوشلۇق پونكىتىدا خىزمەت قىلغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىلدە، شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بۆلۈمچىدىن چىقىپ پائالىيەت قىلىپ، بوشلۇق ئىلمى بويىچە تەجرىبە (سىناق) قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بۆلۈمچە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش، ئاسراش، رېمونت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملايدىكەن.

بۇ قېتىمقى ۋەزىپە دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى بوشلۇق پونكىتىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى، قۇرۇلۇش تۈرى تۇرغۇزۇلۇپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 29 - قېتىملىق قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى، شۇنداقلا چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتانىڭ 475 - قېتىملىق ئۇچۇشى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش