ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆزبېكىستان تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى مىرزايېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستان تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، مىرزايېفنىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن پەيتتە شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى ئابىدە بولۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچىدۇ. باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. يېقىندا، جۇڭگو شىنجاڭ دوستلۇق، ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، دۆلىتىڭلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئوبلاست باشلىقى ئەپەندى ھەم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قىزغىن، ئەتراپلىق كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى، ئىككى تەرەپ دوستانە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت ئوبلاستى دوستانە رايون - ئوبلاست مۇناسىۋىتى مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى، بىز چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. ئوبلاست باشلىقى ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇشى جەزمەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. شىنجاڭ تاشكەنت ئوبلاستى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى، بولۇپمۇ جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دوستانە ئالاقىلىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ۋە قائىدىسىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغاپ، سودا پائالىيىتى ۋە سودا كۆلىمىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت - سەنئەت، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، خاس ساياھەتچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
مىرزايېف جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ جۇڭگو شىئەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەنلىكىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى. تاشكەنت ئوبلاستى باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو، بولۇپمۇ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش، زىيارەت ئۆمىكى يېقىندا ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستان، بولۇپمۇ تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئاچتى. ھازىر تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان يەرلىك ئالاقىسى قويۇق، ھەمكارلىقى ياخشى. بۇ قېتىم شىنجاڭدا زىيارەتتە بولدۇم، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. مىرزايېف تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىكى يوشۇرۇن كۈچ ئەۋزەللىكىنى تونۇشتۇردى ھەم ئىككى تەرەپنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكىسى ۋە رەقەملەشتۈرۈش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئۆزگىچە داۋالاش - دورىگەرلىك، توقۇمىچىلىق، يېنىك سانائەت، يېشىل ئېنېرگىيە، كانچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى شەرىپوف ۋە تاشكەنت ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، كارخانا ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش