دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە قىش پەسللىك ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى ئېچىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-11-30 12:18:31

   مەنبە : ئانار بۇلۇت 

    11-ئاينىڭ 21-كۈنى، لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى ئېچىلدى.

          ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئۇسۇلى

      بېلەت سېتىۋېلىش ئورنى : لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەتچىلەر زالىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بېلەت سېتىش ئورنىدىن بېلەت سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ

      ئىشىك بېلىتى ئۆلچىمى 

      1. مەنزىرە رايونى ئىشىك بېلىتى:                                                                         

    پۈتۈن باھا :  35 يۈەن/ئادەم (ئەسكەرتىش: كىملىكىڭىزنى ئېلىپ كىلىپ بېلەت سېتىۋېلىڭ)                               

    يېرىم باھا :  17.5 يۈەن/ئادەم  60 ياشتىن 65 ياشقىچە (كىملىكىڭىزنى ئېلىپ كىلىپ بېلەت سېتىۋېلىڭ)، ئالتە ياشتىن يۇقىرى بالىلار، بوي ئېگىزلىكى 1.3 مېتىردىن يۇقىرى بالىلار، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى بارلار، 4-دەرىجىلىك مېيىپلىق كىنىشكىسى بارلار.                                                                 

    كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلار : 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار، بوي ئېگىزلىكى 1.3 مېتىردىن تۆۋەن بالىلار، ھەربىي ئىشتاتتىكى ھەربىي ئىشتات ئوفىتسېرلىق كىنىشكىسى، مېيىپلىق كىنىشكىسى (1-دەرىجىلىك، 2-دەرىجىلىك، 3-دەرىجىلىك)، ساقچىلىق كىنىشكىسى، ئوت ئۆچۈرگۈچىلىك كىنىشكىسى بارلار، لوپنۇر ناھىيەسى كىملىكى بارلار (ھەپتە ئاخىرى ۋە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)                                                                                                       

    2. ۋاقىت : 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە                                       

    3. مىقدار چېكى:  ھەر كۈنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ئاپتوموبىلدىن 100 ى كىرىدۇ؛                     

   4. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى: ساياھەتچىلەر مەركىزى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، خەلق ئۆرپ-ئادىتى كۆرگەزمە زالى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئابۇدەن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى، شېننۈخۇ مۇلازىمەت مەركىزى ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، دۇڭشاشەن قۇملۇق ئۆتىڭى بوش يەر ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى.                                                                                                

      ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش تەلىپى

    1. ساياھەت ئاپتوبۇسى، نۆۋەتچى ئاپتوبۇسنىڭ مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى ئايلانما لىنىيە يولىغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛

    2. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بارلىق خادىملار مەنزىرە رايونىغا كىرىشتىن ئىلگىرى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى ۋەدىنامىسى ئىمزالىشى كېرەك؛

   3. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلار ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە بەلگىلەنگەن يولدا يۈرۈشى، چىملىق، ياغاچ ئاسما يوللاردا ماڭماسلىقى، قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماسلىقى، ئاپتوموبىلىنى مەخسۇس ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ سىرتىدا خالىغانچە توختاتماسلىقى، ئاپتوموبىللارنىڭ نورمال يۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك؛

   4. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلار مەنزىرە رايونى خادىملىرىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى كېرەك، ئارىلىق ئاپتوموبىل بېكىتى رايونىدا ئاپتوموبىل توختىتىشقا، قۇملۇقتا ئاپتوموبىل ھەيدەشكە بولمايدۇ، ئاپتوموبىل پېتىپ قالسا ئۆزى پۇل چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛

  5. مەنزىرە رايونىنىڭ ۋاقىت، سۈرئەت چەكلەشكە ئالاقىدار تەلىپىگە (ئاپتوموبىللارنىڭ سائەتلىك سۈرئەت چەكلىمىسى 30 كىلومېتىر) چوقۇم ئەمەل قىلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، قاتناش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش