دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈشىدىن شىنجاڭغا نەزەر | كۆنچى دەرياسىدا قۇشلار ئوينىدى «چېڭباڭ سۆگىتى» ئاستىدا ئاق قۇلار سايرىدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-11-23 14:48:53

  ئاپتورى: چۆ . خورە

       11-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىدىكى كۆنچى دەرياسىدا ياۋا ئاق قۇلار ئويناقشىپ، پەرۋاز قىلىپ، قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە شەككىللەندى، كۆنچى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى قاتار كەتكەن «چېڭباڭ سۆگەتلىرى» بىلەن ئاق قۇلار بىر-بىرىنى جۇلالاندۇردى. 

      قىش كىرگەندىن بۇيان، كورلىغا قىشلىغىلى كېلىدىغان ياۋا ئاق قۇلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، ھازىر 300 گە يېقىن ئاق قۇ كۆنچى دەرياسى، كاككۇك دەرياسى قاتارلىق دەريالاردا قىشلاۋاتىدۇ ھەمدە شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل يۆگىمە رەسىم نامايان بولدى. 

     «چېڭباڭ سۆگىتى» «دەرەخ مەستانىسى» ۋاڭ چېڭباڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. 2001-يىلى، قىسىمدىن پېنسىيەگە چىققان ۋاڭ چېڭباڭ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر تۈپ سۆگەتنى بايقايدۇ، بۇ خىل سۆگەت شەكلى چىرايلىق، كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيىنىغا ئاز ئۇچرايدىغان، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، شەھەرنى كۆكەرتىشكە ماس كېلەتتى. ۋاڭ چېڭباڭنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، بۇ خىل سۆگەت كۆنچى دەرياسى بويىدا يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈپ، شىر كۆۋرۈكىدىن قۇرۇلۇش كۆۋرۈكىگىچە بولغان دەريا بۆلىكىنى زىننەتلەپ، شۇ جايدىكى پۇقرالار تەرىپىدىن «چېڭباڭ سۆگىتى» دەپ ئاتالدى. ھازىرغا قەدەر، «چېڭباڭ سۆگىتى» 18 ئەۋلاد يېتىشتۈرۈلۈپ، ئومۇمىي سانى 10 مىڭ تۈپتىن ئاشتى. 


ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: بايىنغولىن يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى تورىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش