دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر مىسال! سايرام كۆلى تىزىملىككە كىردى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-11-21 16:48:44

يېقىندا

ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى

مەملىكەت بويىچە 2-تۈركۈمدىكى 38 گۈزەل دەريا-كۆل مۇنەۋۋەر مىسالىنى ئېلان قىلدى

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سايرام كۆلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

بۇ، شىنجاڭدىكى دەريا-كۆللەرنىڭ

تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە گۈزەل دەريا-كۆل مۇنەۋۋەر مىسالى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ

سايرام كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى.

جوۋ يۆخۇا فوتوسى

   گۈزەل دەريا-كۆللەر گۈزەل جۇڭگونىڭ سۇ ئېكولوگىيە-مۇھىت ساھەسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىسى ۋە مۇھىم ۋاسىتە. ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ گۈزەل دەريا-كۆللەرنى قوغداش ۋە قۇرۇشقا ئالاقىدار پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن، گۈزەل دەريا-كۆللەر «سۈيى سۈزۈك، قىرغاقلىرى يېشىل، بېلىقلار بەخىرامان ئۈزۈش»كە ئۇيغۇن بولغان مەنزىل بولۇپ، سۇ بايلىقى، سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇ مۇھىتى قاتارلىق ۋادا ئامىلى سىستېمىسىنى قوغداشتا ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، ئادەم بىلەن سۇنىڭ ئىناقلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلغان دەريا-كۆللەرنى كۆرسىتىدۇ. 2022-يىلى، ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى 18 گۈزەل دەريا-كۆل مۇنەۋۋەر مىسالىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى تاللاپ چىققان 38 مىسالنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولۇپ، سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاش جەھەتتە ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن، سۇ ئېكولوگىيە-مۇھىتىنى قوغداشتىكى تىپىك مىسال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: بورتالا گېزىتى

   سايرام كۆلى قار-مۇز سۇلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان كۆل، سۇلۇق يەر، ئوتلاق، ئورمان، قارلىق تاغ، مۇزلۇق ۋە ئەتىۋارلىق قۇشلار بىر گەۋدە قىلىنغان شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى.

سۈرەت مەنبەسى: بورتالا گېزىتى

    سايرام كۆلى تەبىئەت ۋە تارىخ ئىنسانىيەتكە قالدۇرغان قىممەتلىك شۇنداقلا قايتا ھاسىل بولمايدىغان ئېكولوگىيە بايلىقى بولۇپ، ئەسلىي قىياپىتى، مۇكەممەللىكى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قىممىتىگە ئىگە. ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ۋە مۇھىم، زور پەن-تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئاچقۇچلۇق ئۆسۈملۈكلەر 64 خىلغا يېتىدۇ، ئاچقۇچلۇق ھايۋانلار تۈرى 124 خىلغا يېتىدۇ، ئەتراپتا 110 خىلدىن ئارتۇق ياۋايى ھايۋان ياشايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ھايۋاندىن 30 خىلدىن ئارتۇقى بار. 

سۈرەت مەنبەسى: بورتالا گېزىتى

   گۈزەل دەريا-كۆل مۇنەۋۋەر مىسالىغا ئىلتىماس قىلغاندىن بۇيان، سايرام كۆلى سۇلۇق يەرنى قوغداش رايونى پاسىل قوزۇقى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى تەسىس قىلدى، ئاق قۇلار ياشايدىغان جايغا رىشاتكا ئورنىتىپ، يادرولۇق قوغداش رايونى ئىچىدە چارۋا بېقىشنى چەكلەش، ئوتلاقنى ئارام ئالدۇرۇش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ چارۋا بېقىش ۋە ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ پەرۋىش قىلىش، بېقىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى. ھازىرغا قەدەر، كۆل ئەتراپىدىكى چارۋا بېقىش چەكلەنگەن كۆلەم جەمئىي 425 مىڭ موغا يەتتى.

سۈرەت مەنبەسى: بورتالا گېزىتى

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، سايرام كۆلىدە دۆلەت كونترول قىلىدىغان سۇ سۈپىتىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىپ ئۆلچەش پونكىتى، زىيانلىق جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش تەجرىبىخانىسى، قۇشلارنى كۆزىتىش نۇقتىسى، ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش پونكىتى، سۇ رايى، سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەش پونكىتى، ئوتلاق چېكەتكە ئاپىتى، چاشقان ئاپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسى قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، كۆل قىرغىقى بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىت سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەش بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە گۈزەل دەريا-كۆللەرنى قوغداش بىلەن «يېشىل تەرەققىيات»نىڭ ياخشى سۈپەتلىك يۇغۇرۇلۇشى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش