دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

توققۇز قۇياشنى كۆرگىلى بولىدىغان جاي، كۈز، قىشتىمۇ ئاجايىپ ئۆزگىچە!
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-11-21 16:38:25

«شىنجاڭنىڭ كۈز، قىش پەسلىدىكى رەڭگىنى سىزگە كۆرسىتىپ قويايلى» 

شىنجاڭنىڭ كۈز، قىش پەسلىنى پۈتۈن تاراتقۇلۇق تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش ئېيى پائالىيىتى 

نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتىدۇ!

نەزەرىڭىز بىزدە بولسۇن

سىزگە شىنجاڭنىڭ كۈز، قىش پەسلىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىمىز

بۈگۈن

بىز كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خېجىڭ ناھىيەسىگە كەلدۇق 

ئەتىكى ئالدىن مەلۇمات: ئارىشاڭ ناھىيەسى

 ۋاڭ فۇشېڭ فوتوسى

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى

تىيانشاننىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن 

تاغ-دەريالىرى گۈزەل، تارىخى ئۇزاق بىر كىچىك شەھەر 

بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كەتكۈسى كەلمەيدۇ

بۇ يەردىن ئايرىلغان كىشىلەر بولسا، ھەمىشە بۇ يەرنى ئەسلەيدۇ

بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى 

ئەگەر 

سىزنى قۇياشقا يېقىنلاشتۇرىدىغان پۇرسەت بار بولسا

بايىنبۇلاق يايلىقىغا كېلىڭ 

سۈرەت مەنبەسى: تىيانشان تورى 

بايىنبۇلاق يايلىقى 

جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ يايلاق 

بۇ يەرنىڭ يەر شەكلى تەكشى، سۈيى ئەلۋەك، ئوت-چۆپلىرى بولۇق بولۇپ 

ئېگىز تاغ، ئويمانلىق، يايلاق بىر گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مەنزىرە رايونىدۇر 

تاغ جىلغىلىرىدا، ئوتلاقلاردا، دەريا بويلىرىدا 

ھەممىلا يەردە توپ-توپ كالا-قوي پادىلىرىنى ۋە ئاتلىق چارۋىچىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ 


سۈرەت مەنبەسى: لوۋلەن زەيشيەن

ئۇپۇقتىكى كەچكى قۇياش

كۆز يەتكۈسىز يايلاقتا 

 ئالتۇن رەڭلىك شەپەق نۇرلىرىنى 

خۇددى قەھرىمانلار ئاتقان سان-ساناقسىز ئالتۇن يا ئوقلىرىدەك چېچىپ 

ھۇزۇرلۇق كىشىلىك ھاياتقا تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بېغىشلايدۇ

سۈرەت مەنبەسى: بايىنغولىن مەدەنىيەت-ساياھەت ساداسى 

قۇياش نۇرىنىڭ تىك چۈشۈش بۇلۇڭى يەر شارىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي تىروپىك سىزىقى ئارىسىدا يۆتكىلىپ تۇرغاچقا 

ھەر يىلى توققۇزىنچى ئايدا 

قۇياش تىرايېكتورىيەسى دەل توققۇز توقاي، 18 ئەگمىنىڭ يىراق ئۇچىدا تۇرىدۇ

كۈن ئولتۇرۇپ شەپەق كۆرۈلگەندە

توققۇز توقاي، 18 ئەگمىنىڭ مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدىكى ئاسما يولدا تۇرۇپ 

پاتقان قۇياشنىڭ دەريا يولىنىڭ توققۇز توقىيىغا چۈشكەن شولىسىدا

توققۇز قۇياش پەيدا بولغاندەك ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ 

كۈنەس مەنزىرە رايونى 

كۈنەسكە بارغاندا

قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ياپيېشىل ئورمان بىلەن قاپلانغان قاتمۇقات تاغ مەنزىرىسى كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ 

بۈك-باراقسان قارىغايلىق، رەڭگارەڭ گۈللەر

تىيانشاننىڭ شېئىر-رەسىملەردىكىدەك گۈزەللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان

 ماتېرىيال سۈرەت 

بۇ يەرنىڭ كۈز پەسلى رەڭدار بىر پەسىل 

باھاردا بارلىق شەيئىلەر ئويغانغان چاغدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن خالى 

ياز كۈنلىرىدىكى ئوتتەك قىزىپ كېتىدىغان تومۇز بىلەن خوشلاشقان 

ھەممە يەر ئالتۇن رەڭ تۈس ئالغان چۆچەكلەر دۇنياسى 

قانچىلىغان كىشىلەر خىياللىرىدا ئىنتىلىدىغان جاي 

ماتېرىيال سۈرەت

كۈنەس مەنزىرە رايونى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان 

خېجىڭ ناھىيە بازىرىغا 255 كىلومېتىر كېلىدۇ 

دۆلەت يولى 218-لىنىيەسى مەنزىرە رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ 

مەنزىرە رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبى گولجېت ئۇل يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ 

غەرب تەرىپى نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى بىلەن يېقىن قوشنا 

شىمال تەرىپى نىلقا ناھىيەسى، شىخو شەھىرى، ساۋەن ناھىيەسى بىلەن قوشنا 

ماتېرىيال سۈرەت 

ياز پەسلىدىكى كۈنەس بىر پارچە رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى 

كۈز پەسلىدىكى كۈنەس باشقىچە جىمجىت بولۇپ

شەھەرنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىدىن يىراق بولغان 

 «مېللارد» ئۇسلۇبىدىكى كۈز پەسلىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ 

بالغۇنتاي خۇاڭمياۋ بۇتخانىسى 

سۈرەت مەنبەسى: خېجىڭ لىڭجۈلى  شياۋ يۇڭخاۋ فوتوسى 

بالغۇنتاي خۇاڭمياۋ بۇتخانىسى 

خېجىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا 

شىنجاڭدىكى داڭلىق 

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ۋە سەيلە قىلىدىغان جاي 

سۈرەت مەنبەسى: خېجىڭ لىڭجۈلى    شياۋ يۇڭخاۋ فوتوسى 

بۇتخانا تاغ ياقىلاپ سېلىنغان بولۇپ 

كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك، ھەشەمەتلىك 

بۇرۇندىن «كىچىك بۇدالا سارىيى» دېگەن نامى بار

 

سۈرەت مەنبەسى: خېجىڭ لىڭجۈلى   شياۋ يۇڭخاۋ فوتوسى 

خۇاڭمياۋ بۇتخانىسىنىڭ بىر پۈتۈن قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى پۇختا 

ساراي ئىچىدە نۇرغۇن قىممەتلىك 

نوم ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىپ كەلمەكتە

يەنە سوغۇق، مۆتىدىل، ئىسسىق ئۈچ بەلباغدا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرىلەر بار 

ھەر يىلى نەچچە يۈز مىڭلىغان ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ 

ھەر ياز پەسلىدە ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كېتىدۇ 

كىرغۇت مەنزىرە رايونى 

سۈرەت مەنبەسى: بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى  دېڭ جيەنجۇڭ فوتوسى 

كىرغۇت خېجىڭنىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدىكى

شىمالىي تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە 60 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان 

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1500 مېتىردىن 3000 مېتىرغىچە كېلىدۇ

دۆلەت نۇقتىلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق ئورمان رايونى 

يېپىق ھالەتتىكى تىيانشان سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئورمان رايونىغا تەۋە

 

سۈرەت مەنبەسى: بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى لۇ گاڭ فوتوسى

  ئايلانما تاغ يوللىرىدىن ئۆتۈپ

بىردىنلا بىر پارچە ئالتۇن رەڭلىك توغراقلىقنى بايقايسىز

خۇددى دۇنيادىكى بىر گۈزەل ماكانغا تاسادىپىي كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز

سۈرەت مەنبەسى: بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى  دېڭ جيەنجۇڭ فوتوسى

كىرغۇتنىڭ كىرىش ئېغىزىدا تۇرغاندا 

كۆز ئالدىڭىزدىكى گۈزەل مەنزىرىدىن ھەيران قالىسىز 

كەڭ تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىسى 

ھاياتنىڭ ئۆچمەس گۈزەللىكى 

بۇ جاي كىشىنىڭ كېتىشكە كۆزى قىيمايدىغان 

ھاياتلىق بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بىر جاي 

ئارشيەن ئارشىڭى

سۈرەت مەنبەسى: خېجىڭ نۆل ئارىلىق 

ئارشيەن ئارشىڭى خېجىڭ ناھىيەسى كۈنەس يېزىسىغا جايلاشقان 

شىمالدا زاڭدېڭ ۋۇلۇشەن تېغىغا يېقىن، شەرقتە ئەيكېن داۋىنىغا يانداش 

جەنۇبتا خۇسۇڭ ناۋئېرزېڭ داۋىنىغا يانداش، غەربتە جاكېبەيرېك تاغ جىلغىسى بىلەن قوشنا 

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2604 مېتىر 

يامغۇردىن كېيىنكى كۈنەس دۆلەت ئورمان باغچىسى ئارشيەن ئارشىڭى.  سۈرەت مەنبەسى: خېجىڭ نۆل ئارىلىق 

ئارشيەن ئارشىڭىنىڭ تارقىلىشى كەڭ، بۇلاق كۆزى كۆپ 

تەركىبىدە كۆپ خىل مىنېرال ماددىلار ۋە مىكروئېلېمېنتلار بار

تۆت ئەتراپىنىڭ مۇھىتى گۈزەل 

ھاۋاسى ساپ 

بىر تەرەپتىن ھۇزۇر ئالغاچ، بىر تەرەپتىن كۈتۈنگىلى بولىدۇ 

سۈرەت مەنبەسى: بايىنغولىن مەدەنىيەت-ساياھەت ساداسى

   خېجىڭ ناھىيەسىدىكى ساياھەت لىنىيەلىرى: 

خېجىڭ ناھىيەسى — دۇڭگۇي ئېكولوگىيە باغچىسى— بېيشەن ئورمان باغچىسى — بالغۇنتاي خۇاڭمياۋ بۇتخانىسى— كۈنەس مەنزىرە رايونى — تۇرغۇت خەلق ئۆرپ-ئادەت-مەدەنىيەت كەنتى — بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى قايدۇ دەرياسى جىلغىسى — خېجىڭ ناھىيەسى 

ئۈرۈمچى شەھىرى — ئالغۇ جىلغىسى— بالغۇنتاي خۇاڭمياۋ بۇتخانىسىكۈنەس مەنزىرە رايونى — بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى — كۇچا چوڭ جىلغىسى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى — كۇچا شەھىرى 

كورلا شەھىرى — بالغۇنتاي خۇاڭمياۋ بۇتخانىسى— كۈنەس مەنزىرە رايونى— ئارشيەن ئارشىڭى مەنزىرە رايونى  تۇرغۇت خەلق ئۆرپ-ئادەت-مەدەنىيەت كەنتى — بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى 

كورلا شەھىرى — شىگشىن ئۈزۈم ھارىقى بازىرى — بالغۇنتاي خۇاڭمياۋ بۇتخانىسى— كۈنەس مەنزىرە رايونى — بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى — نارات مەنزىرە رايونى 

خېجىڭ ناھىيەسىدە ئۇچرىشايلى 

سىزنىڭ كۆرگىڭىز بار مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش