دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

كەچ كۈزدە باغراش كۆلىگە كېلىپ داڭلىق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈڭ، 600 مىڭ مو يەردىكى ئالتۇن رەڭگە كىرگەن قومۇشلۇق + قومۇش پۆپۈكى قاردەك ئۇچۇپ يۈرىدىغان مەنزىرە!
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-11-10 18:11:23

   تىيانشان تورى\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ خەۋىرى ) كۆك ئاسمان ئاستىدىكى زۇمرەتتەك سۇ بويىدا، ساھىلنى سەيلە قىلغاچ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان ئالتۇن رەڭ قومۇشلارنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ كۆلدە قولۋاق ھەيدەپ، قومۇشلۇقلارنى كېزىپ، چېچەكلىگەن قومۇشلارنى تاماشا قىلغىڭىز بارمۇ؟ قاتار-قاتار، رەت-رەت، پارچە-پارچە كۆز يەتكۈسىز قومۇشلۇقلارنى سەيلە قىلغاچ، «ئاددىي-ساددا قويۇق دالا ھىدىدىن ھۇزۇر ئالغىڭىز بارمۇ؟

    باغراش كۆلىگە بېرىڭ، بۇنداق گۈزەل مەنزىرىلەر بۇ يەردە بار.

كۆك ئاسمان ئاستىدا باغراش كۆلىدىكى قومۇشلار شامالدا يەلپۈنمەكتە.

ۋاڭ لۇبىن فوتوسى

    «قومۇشلار ئاقىرىپ، شەبنەم قىروۋغا ئايلاندى». قارشى قىرغاقتا، يۈرەك تارىنى چېكىدىغان مېھىر - مۇھەببەت بار، «نەزمىنامە»دىكى مەشھۇر مىسرالارنى يادقا ئوقۇغاچ، يارنى ئەسلەيمىز.

    «بىر جۈپ ئاق قۇش سۇدا تىك تۇرار، كۆرسە ئادەمنى ئۈركۈپ قومۇشلۇققا قاچار.» قومۇشلۇقتا قۇشلارنى تاماشا قىلىشمۇ بىر گۈزەل ئىش. باغراش كۆلىدىكى قومۇشلۇق 120 خىلدىن ئارتۇق قۇش ياشايدىغان، ئوزۇقلۇق ئىزدەيدىغان، كۆپىيىدىغان شادلىق باغچىسى بولۇپ، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ، «قومۇش پۆپۈكلىرى مىدىرلىمىسىمۇ چايكىلار ئۇچار» دېگەن كۆرۈنۈشنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

    «يامغۇردىن كېيىنكى قومۇش پۆپۈكىنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن.» تىنچلىقنى خالىسىڭىز، قومۇشلۇققا كېلىڭ، ئاددىي، ئەركىن - ئازادە، راھەت، ئۆزىگە خاس لەززەت بېغىشلايدۇ.

    «ئادەم تەپەككۇر قىلالايدىغان قومۇش.» بىر پەيلاسوپ شۇنداق دېگەن، باغراش كۆلىدىكى قومۇشلۇقتا كىشىلىك ھايات ئۈستىدە ئىزدەنسەكمۇ بولىدۇ.

باغراش كۆلىدىكى قومۇش بىلەن سۇدىكى قولۋاقتىن شەكىللەنگەن گۈزەل مەنزىرە.

ۋاڭ لۇبىن فوتوسى

باغراش كۆلىدىكى قومۇشلار ئالتۇن رەڭگە كىردى، ساياھەتچىلەر كېلىپ مەنزىرە تاماشا قىلماقتا.

ۋاڭ لۇبىن فوتوسى

ساياھەتچى باغراش كۆلىدە قومۇش پۆپۈكىنى تاماشا قىلماقتا.

ۋاڭ لۇبىن فوتوسى

باغراش كۆلى بويىدا ساياھەتچىلەر چايكىلار بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ۋاڭ لۇبىن فوتوسى

  ھازىر، دۆلىتىمىزدىكى بۇ ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلىدە، 1646 كىۋادرات كىلومېتىر سۇ دائىرىسى چەكسىز تۇمان بىلەن قاپلانغان بولۇپ، 600 مىڭ مو قومۇش كۆل ئەتراپىدا ئالتۇن رەڭگە كىردى، ھازىر دەل مەنزىرە تاماشا قىلىدىغان ياخشى مەزگىل. زىمىستان قىشتا، جۇڭگودىكى تۆت چوڭ قومۇشلۇق رايونىنىڭ بىرى بولغان باغراش كۆلىدە 200 مىڭ توننا قومۇش يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، قەغەز، قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى ياكى باشقا بىيولوگىيەلىك بۇيۇملارغا ئايلىنىپ، قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش