دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

ئەسلىدە، شىنجاڭدىكى «توردا ئالقىشلانغان» توغراقلىققا «رەڭ بەرگەن»ى دەل قىرو ئۈششۈكى ئىكەن؟
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-11-03 19:09:56

ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا 

شىنجاڭ «توغراق ۋاقتى»غا قەدەم قويدى

 ئاراتۆرۈك، سانجى، قاراماي

 بۈگۈر، پوسكام، شايار

...

تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى ھەممە يەر ئالتۇن رەڭگە كىردى

توغراق يەنە كالوفىل دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ

 ئۇ قۇملۇق، چۆللۈكتىكى ئالاھىدە بىر خىل يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ

ئەزەلدىنلا «مىڭ يىلغىچە قۇرۇپ كەتمەيدۇ

قۇرۇپ كەتسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدۇ» دەپ تەرىپلەنگەن

ئۇ چۆللۈكتىكى

قۇرغاق، ئۆزگىرىشچان ناچار كىلىماتقا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ

 شورغا بولغان چىدامچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ

 كىشىلەر تەرىپىدىن «قۇملۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى» دەپ تەرىپلەنگەن

 ھەر يىلى 10-ئاينىڭ بېشىدىن 11-ئاينىڭ بېشىغىچە بولغان ۋاقىت 

توغراق تاماشاسى قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت

 بۇ ۋاقىتتا توغراقلىق ئالتۇن رەڭگە كىرىپ

 كۆزنى قاماشتۇرىدۇ

ئۇنداقتا، توغراق نېمە ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل؟ 

توغراق يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىشچان بولۇپ

ئەتىياز، ياز پەسلىدە يېشىل رەڭگە

كۈز پەسلىدە سۇس سېرىق، ئالتۇن رەڭ ياكى قىزغۇچ سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ

ھەر يىلى كۈز شامىلى يەلپۈپ ئۆتكەندە

توغراقلىق قېنىق يېشىل رەڭدىن سۇس سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ

ئارقىدىنلا يەنە قىزغۇچ سېرىق رەڭگە كىرىپ

بىر كېچىدىلا قىرو چۈشۈپ

يەنە ئالتۇن رەڭ دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ

ئادەتتە

يوپۇرماق رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تۆكۈلۈشى

 يەر ئاستى سۇ ئورنى، تېمپېراتۇرا، شامال كۈچى، دەرەخنىڭ يېشى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك

 بولۇپمۇ ئۈششۈك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

 سۇ مىقدارى بىرقەدەر ئاز رايونلاردىكى دەرەخ يوپۇرماقلىرى

ۋە دەرەخ يېشى كىچىك بولغان دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى ئاۋۋال سارغىيىدۇ 

توغراق يوپۇرمىقى رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى

تېمپېراتۇرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىدە

دۇنيا بويىچە ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ

 ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەلىك توغراقلىق بار

    ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان يىللىق تېمپېراتۇرا ماتېرىيالى ۋە ئالاقىدار پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن، شايار توغراقلىقىنىڭ تاكى سارغايغاندىن يوپۇرماق تاشلىغانغا قەدەر بولغان مەزگىلدىكى ئوخشىمىغان ۋاقىت بۆلىكىدە تېمپېراتۇرا كۆرسەتكۈچىنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 14 سېلسىيە گىرادۇس ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن ھالەتتىكى ئۈچ كۈن ساقىلىغان ياكى بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 4 سېلسىيە گىرادۇس ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن (ئازراق ئۈششۈك) بولغان بولسا، ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ توغراق يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى يېشىلدىن تېز سۈرئەتتە سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىپ، توغراق ئورمىنىنىڭ بىر قەدەر ياخشى بولغان تاماشا مەزگىلىگە كىرىشكە باشلايدىغانلىقى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلدى. 

   بىر كۈن ئىچىدىكى ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 2 سېلسىيە گىرادۇس ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن ھالەتتە ئۈششۈك كۆرۈلگەندە، توغراق يوپۇرمىقى ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى قىزغۇچ سېرىق رەڭگە ياكى ئالتۇن رەڭگە ئۆزگىرىپ، ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ.

   بىر كۈن ئىچىدىكى ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 4 سېلسىيە گىرادۇس ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغاندا، توغراق يوپۇرمىقى تەدرىجىي قىزغۇچ سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىپ ئەڭ ئاخىرىدا قوڭۇر قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يوپۇرماق تاشلايدۇ ھەمدە ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ قىسىم يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ، توغراقلىقنىڭ ساياھەت مەزگىلى ئاخىرلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ھەر يىلى ئوخشاش بولمىغان ھاۋارايى شارائىتىنىڭ تەسىرىدە، توغراق يوپۇرمىقى رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىش ۋە يوپۇرماق تاشلاش ۋاقتىمۇ بىر ئاز ئالدىغا سۈرۈلىدۇ ياكى كەينىگە سۈرۈلىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان شايار توغراقلىقىنىڭ تېمپېراتۇرا كۆرسەتكۈچى پايدىلىنىش ئاساسى قىلىنىدۇ، ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىمۇ شايار توغراقلىق مەنزىرە رايونىنىڭ ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش ۋاقتىنىڭ ئادەتتە 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىقتى.

   بۇ يىل ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى نۆۋەتتىكى توغراق يوپۇرمىقىنىڭ سارغىيىش ئەھۋالى ۋە توغراق يوپۇرمىقىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى رەڭگى ئۆزگىرىدىغان ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتىكى ئوتتۇرىچە دەسلەپكى كۈنگە بىرلەشتۈرۈپ، شايار ناھىيەسىدىكى توغراقلىقنىڭ ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىنى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە دەپ مۆلچەرلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان

شايار داڭلىق «توغراق شەھىرى»گە ئايلاندى

توغراقلىق ساياھەتچىلىكىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ

شايار مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى

توغراق رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ۋە ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ

2021-يىلىدىن باشلاپ توغراقلىقنى تاماشا قىلىش مەزگىلى ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات ئېلان قىلىپ

بىردەك ياخشى باھاغا ئېرىشتى

شايار ناھىيەسى قۇملۇققا جايلاشقان بولۇپ

ھۆل-يېغىن ئاز، كىلىماتى ئىنتايىن قۇرغاق

ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ رادىياتسىيەسى كۈچلۈك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ

كۆپچىلىك كۈندۈزى ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا ۋە سۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى

كېچىسى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك

سۈرەت مەنبەسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىنجاڭ گېزىتى، شايار ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، تورى قاتارلىقلار

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش