دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈشىدىن شىنجاڭغا نەزەر∣شىنجاڭ موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسى: ئالتۇن كۈزدە تۇرنىلار ئۇسسۇلغا چۈشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-11-01 13:08:01

  ئۇچقاندا بۇلۇت ۋە كۈن نۇرىنى توسۇۋالىدۇ، قونغاندا كۆل بويىدىكى ئوت-چۆپلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ. 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمىدۇ، نەچچە ئون مىڭ كۈل رەڭ تۇرنا بۇ يەردە ماكانلىشىپ قىشلايدۇ، توپ-توپ كۈل رەڭ تۇرنىلار خۇددى «زېرەكچاق»تەك ياكى سۇ ئۈستىدە سەكرەپ، ياكى ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.

   موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن، سۇ بايلىقى مول بولۇپ، پەسىل قۇشلىرىنىڭ جەنۇب-شىمالغا كۆچۈشىدىكى مۇھىم دەم ئېلىش ئورنى ھېسابلىنىدۇ، ھەر يىلى كۈل رەڭ تۇرنا، ياۋا غاز، لەيلىلىك تۇرنا قاتارلىق قۇشلار بۇ يەردە توختاپ ئارام ئالىدۇ، ئوزۇق تولۇقلايدۇ ياكى قىشتىن ئۆتىدۇ. بۇ يىل بۇ يەرگە كەلگەن كۈل رەڭ تۇرنىلارنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

   كۈل رەڭ تۇرنا مىڭ يىللىق تۇرنا، تۇرنا، فەنشۇ تۇرنىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ دۆلەت 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇپ، كەڭ تۈزلەڭلىك، ئوتلاق، سازلىق، دەريا ساھىلى، كۆل، ئېتىز-ئېرىق قاتارلىق جايلاردا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ.

   موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن ناھىيەدە 8 مىليون 450 مىڭ مو ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك ئوتلاق بار، ياخشى بولغان سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كۈل رەڭ تۇرنىلارنى مۇۋاپىق ياشاش مۇھىتى ۋە مول ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى.

ئاپتور: چىن جيې، باتې ناشېڭ

 (ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى  موڭغۇلكۈرە مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش