دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

بىلەمسىز؟ قار-مۇز شەھىرىدە كۈزدىن ئىبارەت بىر خىل گۈزەللىك بار
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-10-27 11:56:29

سىز قار-مۇز شەھىرىدە كۈزدىن ئىبارەت بىر خىل گۈزەللىك بارلىقىنى بىلەمسىز

    قاتمۇقات ئورمان، گۈزەل دەريا ئېقىنى، غازاڭ، سايە، ئىللىق قۇياش نۇرى قاتارلىق كۈز پەسلىنىڭ ئىزنالىرى...

    ھەممە ئاددىيلىقلار سىزگە ئەڭ ئۆزگىچە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، باش كۈزدىن كەچ كۈزگىچە رومانتىك ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ، رەڭگارەڭ كۈز پەسلىدە ئۆزىگە خاس گۈزەللىك بار، تېز كېلىپ ئالتاي شەھىرىنىڭ كۈز مەنزىرىسىنى كۆرۈپ بېقىڭ

    10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى مەنزىرە رايونىدا، كۈز شامىلى يەلپۈپ ئۆتۈپ دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى سارغايتتى، كۈز مېۋىلىرى دەرەخ شېخىدا ئېسىلىپ تۇراتتى. بارلان جانار فوتوسى

    10-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئالتاي شەھەرلىك بالىلار شادلىق باغچىسى ئەتراپى كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل مەنزىرىگە تولدى. جيا جيەنشيۇڭ فوتوسى

  10-ئاينىڭ 17-كۈنى، كۈز پەسلىنىڭ ياساندۇرۇشىدا، ئالتاي شەھىرى 500 چاقىرىملىق مەنزىرە رايونى تېخىمۇ راھەت بولغان، تەبىئەت بىلەن ئادىمىيەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان مەنزىرە كەيپىياتىنى نامايان قىلدى. ئايشۇۋاق تۇرسۇن فوتوسى

    10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئېرتىش دەرياسى بىلەن قىران دەرياسى كېسىشكەن جايدىكى دەريا جىلغىسى رايونىدا، كۈز پەسلىدىكى قۇياش نۇرى ئىللىق ۋە يېقىملىق بولۇپ، بىپايان تۇپراقنى يورۇتتى، ئادەم كۆرۈپ تويمايتتى. كۆبېن نىغمەت فوتوسى

   10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى مەنزىرە رايونىدا، كەچ كۈز قەدىمى يېقىنلاشقان، ياز تېخى كېتىپ بولالمىغان ئىدى، ھەممە نەرسە جۇلالاق ھەم جانلىق بولۇپ، كۆزنى قاماشتۇراتتى.  ۋاڭ جيې فوتوسى

    10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى مەنزىرە رايونىدا، قۇياش نۇرى ئىللىق، دەريا سۈيى سۈزۈك ئىدى.  ھېسىن جېڭىس فوتوسى

    10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالتاي شەھىرىنىڭ لاستى يېزىسى نوگەت كەنتىدە، كۈزدىكى قۇياش نۇرى ھەممە نەرسىنى ئىللىتتى.   ئۇلان قادىكېن فوتوسى

    10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى قىران دەرياسى بويىدا، سۇ ۋە كۆپكۆك ئاسمان ئوخشاشلا سۈزۈك ئىدى.   ياۋ شياۋيىڭ فوتوسى

    قار-مۇز شەھىرىنىڭ كۈز پەسلى خۇددى بىر پارچە رەڭدار شېئىرغا، خۇددى بىر رەڭدار رەسىمگە ئوخشايتتى، قار-مۇز شەھىرىنىڭ كۈز پەسلىگە خاس رومانتىكىلىقىنى مەن پەقەت سىز بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئويلايمەن

    (ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى لى شىنئەي)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى


مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش