دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

توغراق تاماشا قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى، سىز تاماشا قىلدىڭىزمۇ؟
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-10-27 11:53:43

10-ئايدىكى ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شىنجاڭدىكى توغراقلىقلار ئالتۇن رەڭلىك تون كىيىپ، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ، چەكسىز قۇملۇق بىلەن بىرلىشىپ ھەممە يەرگە ھۆسن قوشۇپ، ئاجايىپ گۈزەل يۆگىمە رەسىملەرنى ھاسىل قىلدى. ھەرقايسى جايلار ئۆز جايىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەرخىل شەكىلدە توغراق بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى تەبىئەتنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندۇردى.

لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر ئارىلىق ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ ئالتۇن كۈزدىكى توغراقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). لى فېي فوتوسى

تارىم توغراقلىق دۆلەت ئورمان باغچىسى (ماتېرىيال سۈرەت).

10-ئايدا، سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسىدىكى توغراقلىقتا كۈز تۈسى قويۇق بولۇپ، ئاجايىپ گۈزەل تاماشا پەسلىنى كۈتۈۋالدى. (ماتېرىيال سۈرەت)

10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭنىڭ قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىدىكى توغراقلىق ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى، توغراق يوپۇرماقلىرى ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، قات-قات ئورمانلار بوياق بىلەن بويالغاندەك بولۇپ، كۈز مەنزىرىسىنى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەنىدى. (ماتېرىيال سۈرەت)

لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر ئارىلىق ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ ئالتۇن كۈزدىكى توغراقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). لى فېي فوتوسى


ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدىكى توغراقلىق بەئەينى رىۋايەتلەردىكىدەك گۈزەل. (ماتېرىيال سۈرەت)

پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەتلىك ئورمان باغچىسىدىكى توغراقلار ئۇزاق مۇددەت قار سۈيىدە سۇغىرىلغاچقا ئاقسۆڭەك توغراق، سۇ ماكانىدىكى توغراق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ يەردە ئېگىزلىكى 10.05 مېتىر، دىيامېتىرى 1.2 مېتىر كېلىدىغان توغراق بار بولۇپ، مىڭ يىللىق ئۆسۈش تارىخىغا ئىگە، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ ، يەكەن دەرياسى ۋادىسى، ھەتتا غەربىي شىمال رايونىدا ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ھۆرمەت بىلەن «توغراق شاھى» دەپ ئاتالغان.

ئۇ، شىنجاڭدىكى ئەڭ داڭلىق بىر خىل دەرەخ

ئېگىزدىن قارىغاندا ھەيۋەتلىك، يېقىندىن قارىغاندا جانلىق كۆرۈنىدۇ

مانا بۇ توغراق

نۆۋەتتە، دۇنيادىكى %50تىن ئارتۇق تەبىئىي توغراقلىق جۇڭگوغا تارقالغان

 جۇڭگودىكى %90تىن ئارتۇق توغراقلىق بولسا شىنجاڭغا تارقالغان

 شىنجاڭنىڭ كەچ كۈز پەسلى توغراققا تەۋە

 بەزىلەر كۈزدە شىنجاڭدىكى توغراقلارنى كۆرمىسەم پۈتۈن بىر يىل ئەپسۇسلىنىمەن، دېيىشىدۇ

ئالتۇن كۈز پەسلىدە توغراقلىق ئەڭ گۈزەل ھالەتكە كېلىدۇ

«مىڭ يىلغىچە قۇرۇپ كەتمەيدۇ

 قۇرۇپ كەتسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ

 يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدۇ» 

بۇ سىرلىق دەرەخنى يېقىندىن كۆرۈپ

يىرىك قوۋزاقلىرىنى سىيلاپ

ئۇنىڭدىكى سېھرىي كۈچنى ھېس قىلىڭ


10-ئاينىڭ 5-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىغا ئېگىز بوشلۇقتىن قارىغاندا، تارىم دەرياسى يىلانباغرى ئېقىۋاتقان بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى توغراقلار رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەنىدى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

شايار ناھىيەسىدىكى شايەنجوۋ مەنزىرە رايونىدا تارتىلغان توغراقلىق (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).   مەنبە: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ليۇ يۈجۇ فوتوسى

تارىم توغراقلىق باغچىسىدىكى ئىپتىدائىي توغراقلىق (ماتېرىيال سۈرەت).   خوۋ شيەنۋېي فوتوسى

پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت 5A دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى.   مەنبە: قەشقەر مەنزىرىسى

پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت 5A دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى.   مەنبە: قەشقەر مەنزىرىسى

پوسكام ناھىيەسى ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونى (مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى تارقاتتى.  شۈ لىن فوتوسى)


مارالبېشى توغراقلىق دۆلەت ئورمان باغچىسى.   مەنبە: مارالبېشى ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى


شايار ناھىيەسىدە تارتىلغان توغراقلىق (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).   مەنبە: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى   ليۇ يۈجۇ فوتوسى


تولى ناھىيەسىدىكى بەيياڭخې توغراقلىقى. مەنبە: تولى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. (ۋاڭ شۈدۇڭ فوتوسى)

تولى ناھىيەسىدىكى بەيياڭخې توغراقلىقى. مەنبە: تولى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. (ۋاڭ شۈدۇڭ فوتوسى)

 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، بوشلۇقتىن لاۋلۇڭخې توغراقلىق مەنزىرە رايونىغا نەزەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، سانجى شەھىرى لاۋلۇڭخې توغراقلىق مەنزىرە رايونىدا قاتمۇقات ئورمانلار خۇددى بوياق بېرىلگەندەك سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ مەنزىرە تاماشا قىلىپ ئويناشقا جەلپ قىلدى. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر لاۋلۇڭخې توغراقلىق مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا. ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، سانجى شەھىرى لاۋلۇڭخې توغراقلىق مەنزىرە رايونىدا قاتمۇقات ئورمانلار خۇددى بوياق بېرىلگەندەك سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ مەنزىرە تاماشا قىلىپ ئويناشقا جەلپ قىلدى. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىگە جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە، قۇملۇق، توغراقلىق، دەريا سۈيى ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتاتتى. ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىگە جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە، قۇملۇق، توغراقلىق، دەريا سۈيى ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتاتتى. ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، ساياھەتچىلەر چەرچەن ناھىيەسىنىڭ تۆگىبۇلاق مەنزىرە رايونىدا تۆگىگە مىنىپ سەيلە قىلماقتا. سۇ شىن فوتوسى

10- ئاينىڭ 15- كۈنى، چەرچەن ناھىيەسى تۆگەبۇلاق مەنزىرە رايونى. سۇ شىن فوتوسى 

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە، 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى


10-ئاينىڭ 22-كۈنى، 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، يەكەن دەرياسىنى ئايلىنىپ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش يىغىلىش مۇسابىقىسىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى


10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچىلەر پوسكام ناھىيەسى ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى


    10-ئاينىڭ 21-كۈنى، 2023-يىللىق 13-نۆۋەتلىك شايار توغراق بايرىمى ھەم شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك خەلق ئىچى سەنئەت قابىللىرى يىغىنى تارىم دەرياسى سۇلۇق يەر ساياھەت مەنزىرە رايونىدا باشلاندى. ئالتۇن رەڭ توغراقلىق، شايارنىڭ ئۆزگىچە، خاس مەززىلىك تائاملىرى، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرگە بىر مەيدان «توغراق مەدەنىيەت زىياپىتى» تەقدىم قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە شايارنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرىنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە ھېس قىلدۇرۇپ، قىممەتلىك، چوڭقۇر توغراق مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇردى. سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، توغراق بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى


10-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئارتىسلار تارىم دەرياسى سۇلۇق يەر ساياھەت مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى


10-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر تارىم دەرياسى سۇلۇق يەر ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

10-ئايدا، شىنجاڭ توغراقلىرى ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەكەن ناھىيەسىنىڭ يەكەن دەرياسى بويىدىكى 100 مىڭ مو تەبىئىي توغراقلىق گۈزەل كۈز مەنزىرىسىگە چۆمۈلۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدىكى توغراقلىقتا ئالتۇن رەڭ يوپۇرماقلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە يەرلىكنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتنى قوغدىشى سەۋەبىدىن، بۇ يەردىكى توغراقلىق يەنىلا دەسلەپكى قىياپىتىنى ساقلاپ قالغانىدى . مۇخبىر: ئامان، خەۋەر قىلغۇچىلار: ئەلى، ئەكبەر، لى جىڭخەي، خۇ گوكەي، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈن-سىن بۆلۈمى ئىشلىگەن


مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش