دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمى باشلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-10-25 11:42:34

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك توغراق بايرىمىنى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، شەندۇڭ ئۆلكىسى، شاڭخەي شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پائالىيەت مەزگىلىدە، پوسكام ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى تۆت يىغىن مەيدانىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا «ئالتۇن كۈزدىكى توغراقلىق · جەلپكار قەشقەر» ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى، يەكەن دەرياسىنى ئايلىنىپ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش يىغىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق نۇرغۇن ئېسىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە شۇ جايدىكى ئاممىنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئارتىسلار باشلىنىش مۇراسىمىدا ساياھەتچىلەرگە نومۇر ئورۇنلاپ بەرمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، يەكەن دەرياسىنى ئايلىنىپ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش يىغىلىش مۇسابىقىسىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچىلەر پوسكام ناھىيەسى ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچىلەر پوسكام ناھىيەسى ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش