دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

بەك گۈزەل! ھەر بىر پارچە سۈرەت يىغىپ ساقلاشقا ئەرزىيدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-10-24 15:46:55

قاتمۇقات دەل-دەرەخلەردىن رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن

كۆز يەتكۈسىز سېرىق قۇملۇق

ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تاغ تىزمىلىرى

ئالتۇن كۈز مەزگىلىدىكى شىنجاڭ

بىر پارچە سۈرەت بىر مەنزىرە

بىز بىرلىكتە

بۇ ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل كۈز مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىپ

بىللە مەنزىرە تاماشا قىلىپ، قار كېچىپ، قۇملۇقلاردا ئوينايلى

...

ئالتاي شەھىرى قاراشىلىك يېزىسى تەۋەسىدىكى ئېرتىش دەرياسى جىلغىسىنىڭ كۈز مەنزىرىسى(10-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان).    كۆبېن نىغمەت فوتوسى

ئالتاي شەھىرى قاراشىلىك يېزىسى تەۋەسىدىكى ئېرتىش دەرياسى جىلغىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر(10-ئاينىڭ 20-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، ئېرتىش دەرياسى جىلغىسى كۆزنى قاماشتۇراتتى، ئېقىۋاتقان ئېرتىش دەرياسى كۈز پەسلىنى تېخىمۇ جانلىق تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.    كۆبېن نىغمەت فوتوسى

10-ئاينىڭ 19-كۈنى، كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىن ۋادىسىدىكى لوپنۇر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئىپتىدائىي توغراقلىق مەنزىرىسى. كۆنچى دەرياسى ۋادىسىنى تۈزەش، قوغداش سالمىقىنىڭ سىجىل زورىيىشىغا ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە، ۋادا بويى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، مەنزىرىسى بەئەينى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى.    لى فېي فوتوسى

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، سانجى شەھىرى بىڭخۇ دەرياسى مەنزىرە رايونىغا بوشلۇقتىن نەزەر(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).   ليۇ خۇا فوتوسى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، سانجى شەھىرى بىڭخۇ دەرياسى مەنزىرە رايونى مەركىزىي باغچىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).   ليۇ خۇا فوتوسى

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئارشاڭ ناھىيەسى ئېتوقسار تيەنچۇەن كۆلى مەنزىرە رايونىدا قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتا. يېقىندا بۇ مەنزىرە رايونىدا قار يېغىپ، خۇددى چۆچەكلەردىكىدەك گۈزەل تۈسكە كىردى.    سۈن مىڭلياڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا تۆگە مىنىپ سەيلە-ساياھەت قىلماقتا(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).   چۆخۇرە فوتوسى

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).   چۆ. خۇرە فوتوسى

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).   چۆ. خۇرە فوتوسى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىدىكى ئېتىزلىقتا جىلۋە قىلغان كۈز مەنزىرىسى(10-ئاينىڭ 15-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).   سۈن گوچۇەن فوتوسى
10-ئاينىڭ 14-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىگە جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى قۇملۇق، توغراق، دەريا سۈيى ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، قۇياش نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇردى.   ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى
10-ئاينىڭ 14-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىگە جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى قۇملۇق، توغراق، دەريا سۈيى ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، قۇياش نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇردى.   ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى
10-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئالتاي كۆكسۇ سۇلۇق يەر دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، زور تۈركۈمدىكى ئاق قۇ بۇ يەرگە يىغىلىپ، قوغلىشىپ ئوينىشىپ، گاھ شوخ بەزمە قىلىشىپ، گاھ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، بىر قاتار قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرىلەرنى نامايان قىلدى.   ئارداق بېيىسقان فوتوسى
10-ئاينىڭ 15-كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سەنتەي ئورمانچىلىق مەيدانى مەنزىرە رايونىدىن بىر كۆرۈنۈش. كۈزدىكى سەنتەي ئورمانچىلىق مەيدانى قاتمۇقات بويالغاندەك رەڭگارەڭ بولۇپ، خۇددى ماي بوياق رەسىمدىكىدەك تۈسكە كىردى.   ليۇ يۈشىن فوتوسى
10-ئاينىڭ 13-كۈنى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ كۈز مەنزىرىسى.   خې لۇڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، تۇنجى قار كۈنەس ناھىيەسى قارابۇغرا بازىرى ساخا كەنتىنىڭ تاغلىق رايونىنى قاپلىدى، بىر مەھەل پۈتكۈل تاغ جىلغىسى خۇددى بىر پارچە سۇس رەڭلىك تاغ-دەريا رەسىمىگە ئوخشاش گۈزەل بولۇپ، كىشىنى كۈچلۈك تەلپۈندۈردى.   ياڭ شياۋچيەن فوتوسى

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونىدىكى قار مەنزىرىسى. شۇ كۈنى، بۇ مەنزىرە رايونىدا قار يېغىپ، يايلاققا ئاجايىپ گۈزەل تۈس قوشتى.   ياڭ شياۋچيەن فوتوسى

10-ئاينىڭ 20-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونىدىكى قار مەنزىرىسى. رەڭگارەڭ كۈز تېخى ئۆز رەڭگىدىن كەتمەي تۇرۇپلا، نارات يايلىقىدا قېلىن قار يېغىپ، بۇ يەرنى كۈزدىكى قار بىلەن ئالتۇن كۈز نامايان بولغان چۆچەك دۇنياسىغا ئايلاندۇرۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇردى.   جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 20-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونىدىكى قار مەنزىرىسى.   جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

  رەڭگارەڭ كۈز سىزنى كۈتمەكتە!

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش