دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

تۆگە بۇلاق مەنزىرە رايونىدا «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق» مەنزىرىلىرىدىن بىراقلا ھۇزۇرلىنالايسىز!
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2023-10-19 16:38:46

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇ جيەنخۇي) «ئىككى كۈندە 21 مىڭ يۈەنلىك ساتتىم، ساپ كىرىمىم 7000 يۈەنگە يەتتى». 10- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ تۆگەبۇلاق مەنزىرە رايونىدا، يايما ئېچىپ تونۇر كاۋىپى سېتىۋاتقان چەرچەن ناھىيەسىنىڭ قوشساتما يېزىسى قوشساتما كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى روزىتوختى ئەخمەت ئايالى بىلەن يايمىسىنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيىگە قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانىدى. ئىككى كۈندىن بۇيانقى كىرىمى توغرىسىدا توختالغاندا، روزىتوختى ئەخمەت خۇشال ھالدا: «يايما ئاچقان يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى پۇل تاپتى»، دېدى.

10- ئاينىڭ 14- كۈنى، چەرچەن ناھىيەسىدىكى تۆگەبۇلاق مەنزىرە رايونىدا ئورۇندالغان ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرى. سۇ شىن فوتوسى

  تۆگەبۇلاق مەنزىرە رايونى قوشساتما يېزىسى تۆگەسۇلاق كەنتىگە جايلاشقان. 10- ئاينىڭ 14- كۈنى، بۇ مەنزىرە رايونى چەرچەن ناھىيەسىدە ئېچىلغان بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنىڭ تۈرتكىسىدە سىرتقا ئېچىۋېتىلىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. مەنزىرە رايونىدا شەكلى ھەر خىل 20 نەچچە تەبىئىي كۆل بولۇپ، 30 كىلومېتىرغا سوزۇلغان. كۆل ئەتراپىدا سۇلۇق يەر، قۇم بارخانلىرى، چۆللۈك، توغراق قاتارلىق ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىلەر بار، «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق» مەنزىرىسى ئامىللىرى تولۇق.

10- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى چەرچەن ناھىيەسىدىكى تۆگەبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ كۆرۈنۈشى.  سۇ شىن فوتوسى

  مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىدا، چەرچەن ناھىيەسى يىپەك يولى ئۆتىڭى ۋە تۇر مەدەنىيەت ساياھىتى قاتارلىق تۈرلەرنى بەرپا قىلىپ، قۇملۇقتا قاشتېشى ئىزدەش، قۇملۇقتا دولقۇن يېرىش، پىيادە ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، سۇ ئۈستىدە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق بىر قاتار مول ھېس قىلىش خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيەتلىرىنى تەسىس قىلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇردى. «كەڭ كەتكەن قۇملۇقتا تۇرۇپ، مىڭ يىللىق توغراقلارنى كۆرۈپ، تۇتۇپ، ئىنساننىڭ ھەقىقەتەن <دېڭىز سۈيىنىڭ بىر تامچىسى>چىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم»، دېدى شاڭخەيدىن كەلگەن ساياھەتچى ليۇ ۋېي چەكسىز ھاياجانلانغان ھالدا.

10- ئاينىڭ 15- كۈنى، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن ساياھەتچى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ تۆگەبۇلاق مەنزىرە رايونىدا تۆگە مىنىپ سەيلە قىلماقتا. سۇ شىن فوتوسى

 كەچكى قۇياش غەربكە پاتقاندا، ئالتۇن رەڭلىك توغراقلار كەچكى شەپەق نۇرىدا كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ. ساياھەتچىلەر سۈرەتكە تارتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۆگىگە مىنىپ توغراقلىقلاردا ماڭغاچ ھەر خىل شەكىللەرنى چىقىرىپ سۈرەتكە چۈشتى. «بۈگۈن ئادەم كۆپ بولغاچقا 1000 يۈەنلىكتىن ئارتۇق سودا قىلدىم.» چەرچەن ناھىيەسى ئاچچان بازىرى ئاچچان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئادىل تۇردى مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن، دوستلىرىم بىلەن 14 تۆگىنى يېتىلەپ مەنزىرە رايونىغا ئەكېلىپ، تۆگىلەرنى ساياھەتچىلەرنىڭ مىنىشىگە ئىجارىگە بېرىپ، ھەربىرىمىز 800 يۈەندىن پۇل تاپتۇق.

10- ئاينىڭ 15- كۈنى، ساياھەتچىلەر چەرچەن ناھىيەسىدىكى تۆگەبۇلاق مەنزىرە رايونىدا كېمىگە ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلماقتا. سۇ شىن فوتوسى

 «بىز ئاممىنى 60 نەچچە يايما ئورنى بىلەن تەمىنلىدۇق، كاۋاپ، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار. مەنزىرە رايونى ئېچىلغان ئىككى كۈندە، ساياھەتچىلەر 23 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، ساياھەت كىرىمى 2 مىليون 600 مىڭ يۈەندىن ئاشتى»، دېدى چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ چىڭۋېي.

10- ئاينىڭ 14- كۈنى، دېھقانلار كاۋا قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەنزىرە رايونىغا ئەكېلىپ ساتماقتا. سۇ شىن فوتوسى

 «ئىلگىرى كورلىدىن چەرچەنگە ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئەڭ تېز بولغاندىمۇ توققۇز سائەت ئەتراپىدا كەلگىلى بولاتتى، لوپنۇر- چەرچەن تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان بەش سائەتتىن كۆپرەكلا ۋاقىت كېتىدىغان بولدى، ئايروپىلانغا ئولتۇرسا 45 مىنۇتتىلا كەلگىلى بولىدۇ». چەرچەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى مەنزىرە مۇنداق دېدى: تېز قاتناش مۇلازىمىتى چەرچەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى، چەرچەن ناھىيەسى ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقىنى ياخشى رەتلەپ، ياخشى قېزىپ، ياخشى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىچكى خاس مەزمۇنى بولغان، خاسلىققا ئىگە، سۈپەتلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.  

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش