دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

گۈللەرنى قوغلىشىپ ئارزۇغا ئىنتىلىپ شىنجاڭنى كۆرۈش | شىنجاڭ غۇلجا ناھىيەسى: كۈز ئاپتىپىغا چۆمۈلگەن قىچا چېچىكى دېڭىزى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-10-10 13:16:13

  ئاپتور: چېن يۇڭمېي، ياڭ شۆسۇڭ

    9-ئاينىڭ 24-كۈنى، بوشلۇقتىن غۇلجا ناھىيەسى تىيانشان خۇاخەي دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدىكى سېرىق، يېشىل رەڭلەر ئارىلاشقان قىچا چېچىكى ئېتىزلىقىغا نەزەر سالغاندا، كۈز پەسلىدىكى گۈزەل مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. ئىللىق قۇياش نۇرىدا، ئالتۇن رەڭلىك قىچا چېچەكلىرى يۇمران ۋە چىرايلىق بولۇپ، پۈتۈن دالا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار بىلەن قوشۇلۇپ، بىر پارچە گۈزەل رەسىمنى ھاسىل قىلغانىدى.

   ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا، قىچا ئادەتتە ئەتىياز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ، ئەمما پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى سورتلۇق قىچا كۈزدە چېچەكلەپلا قالماي، يەنە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسپىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

   «خۇاخەي 3-نومۇرغا تېرىلغاندىن تارتىپ چېچەكلەشكىچە پەقەت 30 كۈنلا كېتىدۇ، 50 كۈنلۈك چېچەكلەش مەزگىلى ئادەتتىكى قىچىنىڭ چېچەكلەش مەزگىلىدىن ئۈچ ھەسسە ئۇزاق» دېدى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى تىيانشان خۇاخەي دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى شۈ بىڭ. خۇاخەي 3-نومۇردىن ھەر مو يەردىن 150 كىلوگىرام ئەتراپىدا قىچا ئۇرۇقى چىقىدۇ، ھۇزۇرلىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپلا قالماي، ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: غۇلجا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش