دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

【سۈرەتتىكى شىنجاڭ】 شىنجاڭ مورى: «قانداغاي» ئۇزۇن تۇمشۇقلۇق پەرۋانە گۈل شىرنىسى يىغماقتا
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2023-09-29 19:43:43

ئاپتورلار: زوۋ رۇڭنيەن، يەن پىڭ

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ خەلق باغچىسى گۈللۈكىدە، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى كامېرا ئارقىلىق گۈللەر ئارىسىدا ئۇچۇپ ئويناپ، گۈل شىرنىسى يىغىۋاتقان ئۇزۇن تۇمشۇقلۇق پەرۋانىنى «سۈرەت»كە تارتتى. ئۇ بەزىدە گۈللەر ئارىسىدا ناھايىتى تېز ئۇچسا، بەزىدە گۈللەرنىڭ ئالدىدا توختاپ، ئۇزۇن تۇمشۇقىنى گۈللەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سوزۇپ، گۈل شىرنىسىنى شورايتتى، ھەرىكىتى ئىنتايىن چاققان ئىدى.

ئۇزۇن تۇمشۇقلۇق پەرۋانە كىشىلەر تەرىپىدىن ھاشاراتلار دۇنياسىدىكى «قانداغاي» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ كېپىنەككە ئوخشايدۇ، ئۇزۇن سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى ۋە رەڭدار قانىتى بار بولۇپ، كېپىنەككە ئوخشاش كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ؛ ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش گۈللەر ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرىدۇ ھەمدە ئېنىق ئاڭلىغىلى بولىدىغان غوڭۇلدىغان ئاۋاز چىقىرىدۇ؛ ھەرە قۇشقا ئوخشاش ئۇزۇن تۇمشۇقى بار بولۇپ، گۈللەر ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرۈپ، ھەرە قۇشقا ئوخشاش ئوزۇقلىنىدۇ. لېكىن ئۇ پەرۋانە ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇزۇن تۇمشۇق پەرۋانە ئۇرۇقدىشىدىكى ھاشارات ھېسابلىنىدۇ.

ئۇزۇن تۇمشۇقلۇق پەرۋانە دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو قاتارلىق رايونلىرىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، شىنجاڭدا بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ.

 (ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش