دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

مول ھوسۇل پەسلى | ئوتقاشتەك قىزىل رەڭ كۆزلەرنى ئالاھىدە چاقناتتى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-09-28 11:43:22

«تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق

يەر سېنى قويماس قۇرۇق»

شىنجاڭدا

ئالتۇن كۈز ھەر خىل رەڭلەرگە تويۇندى

كۈزنىڭ «ئەسلى رەڭ»گى بولغان ئالتۇن رەڭ

ھاياتلىق رەڭگى يېشىل رەڭ 

ئوتقاشتەك چاقنىغان قىزىل رەڭ ...

مۇنبەت زېمىن 

ھوسۇلىنى ھەرخىل رەڭلەردە سۇنۇپ

تەر تۆككەن ئىشچانلارغا

ئەجىرنىڭ جاۋاب خېتىنى يازدى

   9-ئاينىڭ 14-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇزۇن بازىرى ئىنخى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى لازا قۇرۇتماقتا. بۇ يىل، ئىنخى كەنتىنىڭ لازا ئۆستۈرۈش كۆلىمى 2000 مودىن ئېشىپ، لازا بۇ كەنتنىڭ نۇقتىلىق كەسىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.  ۋۇ لې فوتوسى 

   ھازىر، ساۋەن شەھىرى يەنسىخەي بازىرىدا لازىدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل. 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، يەنسىخەي بازىرىدا «مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېما قىلىنغان 6-قېتىملىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، لازىنىڭ قىزىللىقى پائالىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلىندى. بۇ يىل، يەنسىخەي بازىرىنىڭ ئىنچىكە لازا تېرىش كۆلىمى 40 مىڭ مو بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە يېمەكلىك لازىسى تېرىش كۆلىمىنىڭ %60ىنى ئىگىلەيدۇ، يىلىغا 20 مىڭ توننىدىن ئارتۇق قۇرۇتۇلغان لازا ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئۇنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى شەنشى، خۇنەن قاتارلىق دۆلىتىمىز ئىچىدىكى لازا پىششىقلاپ ئىشلەش، يىغىش - تارقىتىش چوڭ ئۆلكىلىرىگە ساتىدۇ. سۈرەتتە كەنت ئاھالىلىرى لازىدا تىزىلغان شەكىل ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە. ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ فاڭجى

   شىنجاڭ «قىزىل كەسىپ» كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان لازا مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن يۆگىمە رەسىمنى نامايان قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ھەر مىللەت ئاممىنى لازىدىن نەپكە ئېرىشتۈردى. 9-ئاي كىرگەندىن بۇيان جاي- جايلاردا لازىلار پىشىپ يەنە مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئادەم كۈچى، ماشىنا كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ۋاقتىدا ئۈزۈپ، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ، سېتىپ چىقارماقتا.

   9-ئاينىڭ 14-كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسى بارۇن خارمۇدۇن بازىرى خاۋيۇەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزالىرى شوخلا قۇرۇتماقتا (تىزگىنەلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). 9-ئايدا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدىكى ئېتىزلاردا مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى، دېھقانلار تۈرلۈك زىرائەتلەرنى يىغىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. چۆ . خۇرە فوتوسى

ھەر يىلى 8-، 9-ئايلاردا

شىنجاڭنىڭ قۇرۇتۇش مەيدانلىرىغا قىزىل رەڭلىك گىلەم سېلىنىدۇ

ئۇ، قاتمۇقات لازىلار بولۇپ

لازىنىڭ ئاچچىق پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالىدۇ

شىنجاڭ

مەملىكەت بويىچە داڭلىق لازا ئىشلەپچىقىرىش رايونى

لازا تېرىقچىلىقى ئاساسەن

تىيانشاننىڭ شىمالىدىكى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى

يەنى، تىيانشاننىڭ جەنۇبىدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا تارقالغان

يېڭى لازا ۋە قۇرۇتۇلىدىغان لازىدىن باشقا

 يەنە پىگمېنتلىق لازا ۋە قىيام قىلىنىدىغان لازا قاتارلىق پىششىقلىنىدىغان لازىلارمۇ بار

   8-ئاينىڭ 25-كۈنى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باغراش ناھىيەسىنىڭ چاغاننۇر يېزىسىدىكى قۇرۇتۇش مەيدانىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لازا قۇرۇتۇشىغا ياردەملەشمەكتە. نيەن لېي فوتوسى

   ئالتۇن كۈزدە، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خاس باغ-ئورمانچىلىق، تېرىقچىلىق بازىسىدىكى شياڭفېي خەيتاڭ ئارقا-ئارقىدىن پىشىش مەزگىلىگە كىردى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ چۇنجىفاڭ شياڭفېي خەيتاڭ ئۆستۈرۈش بازىسىغا كىرگەندە، قويۇق مېۋە ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ، قىپقىزىل شياڭفېي خەيتاڭلار شاخلىرى كۆتۈرەلمەي قالغان بولۇپ، خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى. ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ يۇڭ، جوۋ جىيۈەن 

   9-ئاينىڭ 6-كۈنى، تېكەس ناھىيەسىنىڭ قارادالا بازىرى قاراغاشتى كەنتىدىكى مېۋىلىك باغنى قويۇق مېۋە ھىدى قاپلىغانىدى، رەڭگى ئوچۇق، خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغان «دىنازاۋۇر  تۇخۇملىرى» (قىزىل ئالۇچىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى) جۇلالىنىپ، كىشىنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قارادالا بازىرى دېھقانلارنى خاس باغ-ئورمانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى، خاس باغ-ئورمانچىلىق تەدرىجىي ھالدا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى موتورغا ئايلاندى. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لۇ خەيشيا 

   يېقىندا، كېرىيە ناھىيەسى ئويتوغراق يېزىسىنىڭ ئاپتاپلىقكۆل كەنتىدىكى چىلانلىقتا، ھەربىر تۈپ چىلان دەرىخىدىكى ياپيېشىل يوپۇرماقلار ۋە قىپقىزىل چىلانلار بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، كىشىنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەسى خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، چىلان، ياڭاق، ئۈزۈم، توشقانزەدىكى قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تېخىمۇ كۆپ يول ئېچىپ بەردى. ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئىسراپىل، ئارزىگۈل، لياڭ رۇيرۇي

   9-ئاينىڭ 16-كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ئۇخاۋچۈ يېزىسى توۋخاۋچۈ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى شوخلا ئۈزمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ئىختىيارىي مۇخبىر چۆ.خۇرە فوتوسى

   يېقىندا، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قۇلانساراق يېزىسىدا ئۆستۈرۈلگەن جىغانلىقتا، شاخ-شاخلاردىكى سارغايغان جىغانلار كۆزگە تاشلىنىپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى. نۆۋەتتە، ئاقچى ناھىيەسى جەمئىي 65 مىڭ مو يەردە جىغان ئۆستۈرگەن بولۇپ، 25 مىڭ مو يەردىكى جىغاندىن ھوسۇل ئالدى. ئىختىيارىي مۇخبىر لى شۆلى

   خولۇڭگو ئۆستۈرگۈچىلەر ئالدىراش ئۆتۈشۈپ خولۇڭگو ئۈزمەكتە. چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇتام يېزىسى يۇلغۇنئېرىق كەنتىدىكى خولۇڭگو ئۆستۈرگۈچى دېھقان ۋاڭ ئەيشيا (سولدىن 1-كىشى) بىر پارنىكتا خولۇڭگو ئۆستۈرگەن بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىللىق ھوسۇلنىڭ بىر توننىغا يېتىپ، 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پايدا ئېلىشى مۆلچەرلەندى. يېقىندا، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇتام يېزىسىدىكى خولۇڭگو ئۆستۈرۈش بازىسىدىكى قىزىل ئەتلىك خولۇڭگو مېۋىسى پىشىش، ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «قىزىل» بېيىش يولىنى ئاچتى. ئۆستۈرۈش بازىسىدىكى پارنىكلاردا خولۇڭگو دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى قىپقىزىل خولۇڭگو بىلەن تولغان بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى. ئىختىيارىي مۇخبىر سۇ بو، پەن چۈنتۇڭ

   9-ئاينىڭ 4-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئىشخىلا بازىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار شامالباغ كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شوخلا خىللىشىغا ياردەملەشمەكتە. ۋۇ لې فوتوسى

   9-ئاينىڭ 23-كۈنى، «جۇڭگونىڭ چىلگە چىلان ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدىغان توقسۇن ناھىيەسى بوستان بازىرىنىڭ بۆرە بۇلاق كەنتىدە چىلان ئۈزۈش باغچىسىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، بۇ شەكىل ئارقىلىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى تەبرىكلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل باغۋەنچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، چىلان، ئۆرۈك، قوغۇن-تاۋۇز قاتارلىق خاس باغۋەنچىلىكنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل ئورگانىك داڭلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندۇردى. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيەنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى كۆلەملەشتى، بۇ يىل چىلان ھوسۇلىنىڭ 7536 توننىغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. سۈرەتتە: توقسۇن ناھىيەسى بوستان بازىرى بۆرە بۇلاق كەنتىدە كۆرگەزمە قىلىنغان چىلانلار. ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى جىڭخەي، خۇ گوكەي فوتوسى، خەۋىرى

   9-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ لەڭگەر كوچىسى لۈيۈەن مەھەللىسىدىكى ئالمىلىقتا دېھقانلار ئالمىلارنى خىللاپ خالتىغا قاچىلىماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لۈيۈەن مەھەللىسى مېۋە ئۆستۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئالما، نەشپۈت قاتارلىق خاس باغۋەنچىلىك كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. فەن گۇڭپىڭ فوتوسى

   تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) 9- ئاينىڭ ئاخىرى، گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسىدىكى 24 مىڭ مو پىيالما ئانىرى يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، ئانارلىق باغدىكى يوغان-يوغان ئانارلار خۇددى شاخلارغا ئېسىلغان قىزىل پانۇسقا ئوخشايتتى، باغۋەنلەر ئۈزۈش، تاللاش، ساندۇققا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى، بۇ يىل ئانارنىڭ مو بېشى كىرىمى 7000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە بولۇش مۆلچەرلەنمەكتە. پىيالما يېزىسىغا 2005-يىلى «جۇڭگودىكى ئانار ماكانى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، ئانار ئاللىقاچان شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ «بېيىش مېۋىسى»گە ئايلاندى. 

گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسىدىكى 24 مىڭ مو پىيالما ئانىرى يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش