دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

باش كۈز مەنزىرىسى گۈزەل ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-09-11 13:48:25

  باش كۈز كىرگەندىن كېيىن، بايىنبۇلاق يايلىقى بارا-بارا يېشىللىقتىن سارغايدى، بوشلۇقتىن قارىغاندا، توپ-توپ قوي پادىلىرى، كىگىز ئۆيلەر بىر پارچە گۈزەل ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، قوي پادىسى بايىنبۇلاق يايلىقىدا يايلىماقتا.

تيەن گوجيەن فوتوسى

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، ساياھەتچىلەر بايىنبۇلاق يايلىقىدا ئات مىنىپ ساياھەت قىلماقتا.

تيەن گوجيەن فوتوسى

   چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا تېرىلغان بۇغداي، قىچا، زاراڭزا قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ھوسۇل ئېلىنغاندىن كېيىن، رەڭگارەڭ مەنزىرە شەكىللىنىپ، ھەيۋەتلىك، گۈزەل تاغلىق كەنت يۆگىمە رەسىمىنى شەكىللەندۈردى.

8-ئاينىڭ 30-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېتىزلارنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

8-ئاينىڭ 30-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېتىزلارنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈردى، شەھەر ئەتراپىدىكى سۇ ئامبىرى، چوڭ-كىچىك كۆل قاتارلىقلارنىڭ ياخشى بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە مول يېمەكلىك بايلىقى زور تۈركۈمدىكى پەسىل قۇشلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ كۆپىيىشكە جەلپ قىلدى.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، بىر توپ ئاق قوتان ئالتاي شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر سۇلۇق يەردە ئوزۇق ئىزدىمەكتە.

ئارداق بېيىسقان فوتوسى

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، بىر توپ ئاق قوتان ئالتاي شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر سۇلۇق يەردە ئوزۇق ئىزدىمەكتە.

ئارداق بېيىسقان فوتوسى

  بوشلۇقتىن باغراش كۆلىگە نەزەر سالغاندا، كۆلنى بويلاپ ئۆسكەن 600 مىڭ مو يەردىكى قومۇشلارنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بولۇپ، ياپيېشىل قومۇشلار شامالدا يەلپۈنۈپ، خۇددى دولقۇنلاۋاتقان كۆل سۈيىگىلا ئوخشايتتى. بۈگۈنكى كۈندە، باغراش كۆلى بارا-بارا ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ «ئارام ئالىدىغان جايى»، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ «ئىنتىلىدىغان جايى»غا ئايلاندى.

8-ئاينىڭ 30-كۈنى، باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى نېلۇپەر دېڭىزى دۇنيا مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر پاراخوتقا ئولتۇرۇپ «سۇ ئۈستىدىكى ئورمانلىق» قومۇشلۇق سۇلۇق يېرىنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

نيەن لېي فوتوسى

8-ئاينىڭ 30-كۈنى، باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى نېلۇپەر دېڭىزى دۇنيا مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر پاراخوتقا ئولتۇرۇپ «سۇ ئۈستىدىكى ئورمانلىق» قومۇشلۇق سۇلۇق يېرىنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

نيەن لېي فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش