دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

بىرلىكتە توغراقلىقلارنى ساياھەت قىلىپ، كەچكۈزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2023-08-29 12:21:31

شىنجاڭنىڭ كەچ كۈز پەسلى توغراققا تەۋە، بەزىلەر كۈزدە شىنجاڭدىكى توغراقلارنى كۆرمىسەم پۈتۈن بىر يىل ئەپسۇسلىنىمەن، دېيىشىدۇ.

ئالتۇن كۈز پەسلىدە توغراقلىق ئەڭ گۈزەل ھالەتكە كېلىدۇ، بۇ ئالتۇن دەم ئېلىش ۋاقتىڭىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى ئويلىسىڭىز، دەرھال تەييارلىق قىلىڭدە توغراقلىق ساياھىتىگە ئاتلىنىڭ. قانغۇچە رەسىمگە چۈشۈپ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرالايسىز.


  بۇ، شىنجاڭدىكى ئەڭ داڭلىق بىر خىل دەرەخ، ئېگىزدىن قارىغاندا ھەيۋەتلىك، يېقىندىن قارىغاندا جانلىق كۆرۈنىدۇ، مانا بۇ توغراق. نۆۋەتتە، دۇنيادىكى %50تىن ئارتۇق تەبىئىي توغراقلىق جۇڭگوغا تارقالغان، جۇڭگودىكى %90تىن ئارتۇق توغراقلىق بولسا شىنجاڭغا تارقالغان. 

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم بۇ دەرەخ تۈرىگە سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىن ھالقىغان سىرلار يوشۇرۇنغان.

  «مىڭ يىلغىچە قۇرۇپ كەتمەيدۇ، قۇرۇپ كەتسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدۇ» بۇ سۆزنى ئاڭلىغان كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىر گۈزەل يالغان سۆزگە ئىشىنىپ قالىدۇ.




  9-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭنىڭ قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىدىكى توغراقلىق ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى، توغراق يوپۇرماقلىرى يېشىللىقتىن سېرىققا ئۆزگىرىپ، قات-قات ئورمانلار بوياق بىلەن بويىلىپ، كۈز مەنزىرىسىنى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى.

  ئورقۇ رايونىدا ھازىر 300 مىڭ موغا يېقىن ئىپتىدائىي توغراق ئورمىنى بار، ئۇلار ئاساسلىقى بەيكوۋچۈەن بىلەن ئورقۇ شەھەر رايونى ئارىسىغا تارقالغان بولۇپ، بەيياڭخې چوڭ جىلغىسى، ئورقۇ بازىرى، دۇنيا موگۇيچېڭ بىلەن ئەيرىك كۆلى ئارىسىدىكى تۆت چوڭ رايونغا تارقالغان. توغراقلىقنىڭ دەۋرى قەدىمىي، كۆلىمى مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ «مەنىسى، شەكلى، ئەكسى، رەڭگى» بىر قەدەر يۇقىرى ھۇزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە، ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.





  10-ئايدا لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتىدىكى توغراقلىقلار گۈزەل تۈسكە كىرىپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.



  بۇ يەردىكى توغراقلار، ئۇزاق مۇددەت قار سۈيىدە سۇغىرىلغاچقا ئاقسۆڭەك توغراق، سۇ ماكانىدىكى توغراق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ يەردە ئېگىزلىكى 10.05 مېتىر، دىيامېتىرى 1.2 مېتىر كېلىدىغان توغراق بار بولۇپ، مىڭ يىللىق ئۆسۈش تارىخىغا ئىگە، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ ، يەكەن دەرياسى ۋادىسى، ھەتتا غەربىي شىمال رايونىدا ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ھۆرمەت بىلەن «توغراق شاھى» دەپ ئاتالغان.

  مارالبېشى توغراقلىق دۆلەت ئورمان باغچىسىنىڭ دەرخ سورتى كۈلرەڭ توغراقنى ئاساس قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى بىردىنبىر كەڭ كۆلەمدە مەركەزلىك تارقالغان كۈلرەڭ توغراق رايونى ھېسابلىنىدۇ.




  مورى توغراقلىقى گەرچە بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئىپتىدائىي قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان.



  ئاراتۆرۈك توغراق مەنزىرە رايونى ئۈچ رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ، كىشىلەرگە توغراقلىقنىڭ مىڭ يىللىق ھاياتى، 3 مىڭ يىللىق تارىخى، 6 مىڭ يىللىق كەچۈرمىشلىرىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالتە ئادەم بىرلىشىپمۇ قۇچاقلىغىلى بولمىغان چوڭ دەرەخ بار ، تۆت مىڭ يىلدىمۇ قۇرۇمايدىغان قەدىمىي دەرەخ،  ئالتە مىڭ يىلدىمۇ يىقىلمايدىغان قۇرۇق دەرەخ غولى بار.



  بۇ توغراقلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى شەھەرگە ئەڭ يېقىن ئىپتىدائىي ئىككىلەمچى توغراقلىق ھېسابلىنىدۇ. كۆلىمى تەخمىنەن 15 مىڭ مو بولۇپ، توغراقلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 200 يىل ئەتراپىدا. بۇ يەردىكى توغراقلار بۈگۈر، مورىدىكى توغراقلاردەك ئىپتىدائىي ۋە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىگە خاس ياشلىق ھاياتىي كۈچى ۋە قامىتى بار.



مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش