دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

تۆگە كولدۇرمىسى ئاۋازىنى ئاڭلاپ، تۇرنىلارنىڭ ئۇسسۇلىنى كۆرۈپ، قەدىمىي شەھەرنى تاماشا قىلىپ، ئىناق، گۈزەل چاغلارنى ھېس قىلىش
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2023-08-28 17:48:04

8-ئاينىڭ 20-كۈنى، ساياھەتچىلەر لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا تۆگىگە مىنىپ ساياھەت قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). 8-ئاي كىرىشى بىلەن، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى، ساياھەتچىلەر قۇملۇق ۋە زۇمرەتتەك سۇلار ئارىسىدا تەبىئەتكە يېقىنلىشىپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن خۇشال بەھرىمەن بولدى.

ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

8-ئاينىڭ 21-كۈنى، توپ-توپ لەيلىلىك تۇرنا قابا ناھىيەسى كۆكتوقاي سۇلۇق يېرىدە ئوزۇق ئىزدەپ ئويناۋاتاتتى. كۆكتوقاي سۇلۇق يېرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 100 مىڭ گېكتارغا يېقىن بولۇپ، ئوتلاق، سازلىق، ئورمان، دەريا، كۆل قاتارلىق كۆپ خىل مەنزىرە تىپىدىن تەركىب تاپقان، پەسىل قۇشلىرىنىڭ توختاپ ئارام ئالىدىغان مۇھىم جايى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى ياخشى ياشاش شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ياخشى ۋەزىيەت ياراتتى.

ئارداق بېيسىقان فوتوسى

8-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى كىرىش ئېغىزىدا كېچىلىك مەنزىرىنى تاماشا قىلماقتا. كېچىدە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چىراغلىرى چاقناپ، مەززىلىك تائاملارنىڭ ھىدى ئەتراپنى بىر ئالدى، كىشىلەر كوچىلارنى سەيلە قىلىپ سالقىنلىغاچ، گۈزەللىكنى ھېس قىلدى؛ قاقلانغان تۇخۇم، تونۇر كاۋىپى، قاقلانغان كاۋا، سامسا، پولۇ، ئانار شەربىتى، مېۋە ـ چېۋە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار بولۇپ، كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتى. كىشىلەر ئېسىل تائاملارنى تېتىپ، بازار ئايلىنىپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ رومانتىكىلىقى، ئېسىل تائاملىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

8-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ھەممە يەرنى ئايلىنىپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ گۈزەل مىنۇتلىرىدىن بەھرىمەن بولدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

8-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا، بىر سودىگەر ساياھەتچىلەرگە ئەنئەنىۋى قېتىق دوغاپ قىلىپ بەرمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش