دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

باش كۈزدە چوقۇم قومۇلغا بېرىڭ، چۈنكى ...
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-08-25 11:39:51

مەنبە: شىنجاڭ ياخشى جاي

باش كۈز كىرگەندىن كېيىنكى قومۇل

ئىللىق قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرغان، جىمجىتلىققا تولغان بولۇپ

  مەيىن شامال لەرزان ئۇچۇپ تۇرىدۇ

سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولۇپ دىلىڭىزنى بىردىنلا يورۇتۇۋېتىدۇ

 كۈز ھىدى بارغانسېرى قويۇقلاشتى

مەيىن شامال چىقىپ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن ياخشى بولماقتا

 يۈك-تاقلىرىڭىزنى ئېلىپ، ياخشى كەيپىيات بىلەن

قومۇلغا كېلىپ

ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلغان ساياھىتىڭىزنى باشلىۋېتىڭ ~

قومۇلغا چوقۇم بېرىڭ

 چۈنكى باركۆل كۆلىنىڭ سۈيى كۆزىڭىزنى قاماشتۇرىدۇ

سۈيى سۈزۈك ھەم چوڭقۇر باركۆل كۆلى  

خۇددى چۆچەكلەردىكىدەك يېزا-كەنتلەر

 كۆل بويىدا ئايلىنىۋاتقان ئاتلار توپى

ئالاھىدە بېزەلمىگەن مەنزىرە نۇقتىلىرى 

 بۇ يەردە پەقەتلا تەبىئەتنىڭ ئاددىي-ساددىلىقى ۋە جىمجىتلىقىلا بار

    باركۆل كۆلى قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، ئۇ ئېگىزلىكتىكى كۆل بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 1585 مېتىر ئېگىزلىكتە، تۆت ئەتراپىدا ئېگىز-پەس تاغ تىزمىلىرى بار، سۇ ۋە ئوت-چۆپلىرى مول، كۆلدە زۇمرەتتەك دولقۇن مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدۇ. 

ئادرېسى:

باركۆل كۆلى مەنزىرە رايونى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى 303-ئۆلكە يولى جيەنشەنزى ئەينەك ئاسما يول مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇدۇلىدا

 ئىشىك بېلىتى: ھەقسىز 

ئېچىلىش ۋاقتى: 17:00-8:00

 مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 7175211-0902

 قومۇلغا چوقۇم بېرىڭ

 چۈنكى شەرقىي تىيانشان رەڭگارەڭ تۈسكە كىرمەكتە


 كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ئاستىدىكى تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىلىرى 

سۇس يېشىل، قېنىق يېشىل رەڭدىن قارامتۇل يېشىل رەڭگە ئۆزگەرمەكتە

 تاغ تىزمىلىرىدىكى كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمانلارنىڭ بەزىلىرى تېخىچە ياپيېشىل تۇرۇۋاتىدۇ

 بەزىلىرى ئاللىقاچان كۈزدىكى قىرودا ئالتۇن رەڭگە كىرىپ بولدى ...

 قومۇل شەرقىي تىيانشان مەنزىرە رايونى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونى بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن ھالقىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى ۋە كىلىماتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، شەرقتە خەنچىگوۋدىن باشلىنىپ، غەربتە سۇڭشۇتاڭغا، جەنۇبتا تىيانشانمىياۋدىن باشلىنىپ، شىمالدا مىڭشا تېغىغا تۇتىشىدۇ. 

ئادرېسى: شەرقىي تىيانشان مەنزىرە رايونى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى S303

 ئىشىك بېلىتى: تىيانشانمياۋ 20 يۈەن/ئادەم   مىڭشاشەن 25 يۈەن/ئادەم   ئاقتاش 30 يۈەن/ئادەم 

ئېچىلىش ۋاقتى: 19:00 - 9:00

مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 18119031936 

قومۇلغا چوقۇم بېرىڭ

 چۈنكى خۇەنسەيخۇ كۆلى خىلمۇخىل رەڭلەردە نامايان بولماقتا

ھاۋاسى ئوچۇق بولۇپ، ئاسماندا بىر پارچە بۇلۇتنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ

 كۆل يۈزى خۇددى دېڭىزغا ئوخشاش كۆپكۆك

كۈن ئولتۇرغاندا، كەچكى شەپەق نۇرىدا

كۆل سۈيىدە يېشىل رەڭ تىگىدىن قىزىل گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ، كۆك رەڭ ئىچىدە سېرىق رەڭ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ

 خۇەنسەيخۇ كۆلى ئارا تۆۋرۈك ناھىيەسىنىڭ تۇزكۆل بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر ئاستى بۇلاق سۈيىنىڭ يىغىلىشىدىن ھاسىل بولغان.  خۇەنسەيخۇ كۆلىنىڭ سىرلىق يېرى شۇكى، ئۇ ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئوخشاش بولمىغان رەڭلەردە كۆرۈنىدۇ. شۇ جايدىكى چارۋىچىلار ئۇنى «ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات» بېرىدىغان كۆل دەپ ئاتىشىدۇ.

ئادرېسى: خۇەنسەيخۇ كۆلى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل شەھىرى ئارا تۆۋرۈك ناھىيەسى تۇزكۆل يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شىمالىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا 

ئىشىك بېلىتى: ھەقسىز 

ئېچىلىش ۋاقتى: پۈتۈن كۈن

 قومۇلغا چوقۇم بېرىڭ

 چۈنكى ئارا تۆۋرۈك توغراقلىقىنىڭ كۈزدىكى ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن 

 باش كۈز كىرگەندىن كېيىنكى ئارا تۆۋرۈك توغراقلىقى

خۇددى رەسسام قولىدىكى رەسىم قەلىمىنى ئوينىتىپ بوياپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ

يېشىل رەڭ سېرىق رەڭ بىلەن يېشىل رەڭنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەندەك كۆرۈنىدۇ

 ئاندىن ئالتۇن رەڭلىك دۇنياغا بارسىڭىز، قەۋەت-قەۋەت ئورمان قېنىق رەڭدە بويالغاندەك كۆرۈنىدۇ 

 ئارا تۆۋرۈك توغراقلىقى دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي، دەرەخ شەكلى ئەڭ ئۆزگىچە، يوللارنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇش شارائىتى ئەڭ ياخشى ئىپتىدائىي توغراقلىق. توغراقلىق قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ھەر قېتىم تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، ئاسماندا چاقنىغان يۇلتۇزلارغا كۆز يەتكۈسىز چۆل باياۋان قوشۇلۇپ، كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.

ئادرېسى: شىنجاڭ ئارا تۆۋرۈك توغراقلىق مەنزىرە رايونى

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل شەھىرى ئارا تۆۋرۈك ناھىيەسى توغراقلىق مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى

 ئىشىك بېلىتى: مەنزىرە رايونىنىڭ يۈرۈشلۈك بېلىتى 120 يۈەن/ئادەم (30 يۈەن ئىشىك بېلىتى+90 يۈەن ساياھەت ئاپتوموبىلى) 

ئېچىلىش ۋاقتى: 20:00-08:30 

 مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 6730005-0902 

مەنزىرە رايونى ياتاق شارائىتى: خۇياڭ مېھمانسارىيى 6725988-0902

 قومۇلغا چوقۇم بېرىڭ

 چۈنكى داخەيداۋ تەبىئەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ


 يول بويىىدىكى مەنزىرىلەر ئىنتايىن گۈزەل، يەر شەكلى ئاز ئۇچرايدۇ 

شامالنىڭ يالىشىدىن ھاسىل بولغان يارداڭ

تاشلاندۇق قەدىمىي قەلئە، تۇر، ئۆتەڭلەر بار

 گىياھ ئۈنمەيدىغان چۆل-باياۋانلار بار

قومۇل شەھەر رايونىغا 150 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان، ئاجايىپ سىرلىق يارداڭ يەر شەكلى توپى بار، ئۇ دەل داخەيداۋ. داخەيداۋغا چوڭ كۆلەمدىكى نىسپىي ئېگىزلىك پەرقى 80 مېتىردىن 160 مېتىرغىچە بولغان تىپىك قىيا چوققىلىرى غۇژمەك يارداڭ يەر شەكلى مەركەزلەشكەن. زىچ، گىرەلەشمە تارقالغان گورىزونتال يەر قاتلىمىغا ۋېرتىكال چاك كەتكەن بولغاچقا، ئېقىن سۇ ۋە گۈمۈرۈلۈشنىڭ تەسىرىدىن نەچچە مىڭ تۈۋرۈكسىمان، كونۇسسىمان تەرتىپلىك تىزىلغان قىيا-چوققىلىق مەنزىرە توپى شەكىللەنگەن.

ئادرېسى: قومۇل يارداڭ داخەيداۋ مەنزىرە رايونى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى قارادۆۋە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى جىبيەن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ يېنىدا

 ئىشىك بېلىتى: ئىشىك بېلىتى 45 يۈەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش تۈرى 100 يۈەن 

ئېچىلىش ۋاقتى: 8:30 - 19:30 غىچە

 تەكلىپ ساياھەت ۋاقتى: 2-3 كۈن

 تېلېفون نومۇرى: 6581888-0902

 قومۇلغا چوقۇم بېرىڭ

 چۈنكى گاۋجياخۇ سۇلۇق يەر كۆل سۈيى ھاياتىي كۈچكە تولدى

 زۇمرەتتەك كۆل سۈيى

 ياپيېشىل ئوتلاقلار 

ئېتىزلىقلار ئارىسىدىكى كۆللەر

 ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ

گاۋجياخۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونى باركۆل ناھىيەسىنىڭ شىرىنزا يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1600 مېتىر كېلىدۇ، بۇ تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر باغچىسى بولۇپ، ئۆزگىچە ئېتىزلار ئارىسىدا كۆلچەكلەر بار، تىيانشان بىلەن سۇلۇق يەر يىراقتا تۇرۇپ بىر-بىرىگە ياراشقان گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇ يەر نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىستىراھەت داكا نۇقتىسىغا ئايلانغان.

ئادرېسى: گاۋجياخۇ مەنزىرە رايونى

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شىرىنزا يېزىسى گاۋجياخۇ

 ئىشىك بېلىتى:35 يۈەن/ئادەم

 ئېچىلىش ۋاقتى:18:00-08:00 

 مەسلىھەت سوراش تېلېفونى:7175211-0902

قومۇلغا چوقۇم بېرىڭ

 چۈنكى بۇ يەرنىڭ مېۋە-چىۋىلىرى ئىنتايىن شېرىن ھەم تاتلىق

بۇ يەردىن چىقىدىغان مېۋىلەرنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى بولغاچقا

كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن

ئۈزۈم، چىلان، قوغۇن، ئۆرۈكلىرى

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق

بولۇپمۇ قوغۇنى ئەڭ داڭلىق 

چوقۇم قومۇلغا بىر قېتىم بېرىپ ساياھەت قىلىڭ

چۈنكى

ئۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، تېمپېراتۇرسىمۇ مۇۋاپىق

كەيپىياتىڭىز ياخشى، ھەممە ئىشلىرىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش