دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

مېۋە-چىۋىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، ئۈزۈش-يىغىش ئالدىراش مەنزىرىسى نامايان بولدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-08-23 17:13:46

 نۆۋەتتە، كۈنەس ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈلگەن 1400 مودىن ئارتۇق سۇلۇق شاپتۇل، توغاچ شاپتۇل، ئەنجۈر شاپتۇل قاتارلىق مېۋىلەر ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، شۇ جايدىكى يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى مېۋە ئۈزۈش سېپىگە پائال قاتنىشىپ، باغۋەنلەرنىڭ مېۋە ئۈزۈشىگە ياردەم بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىيشىن «دوستلار چەمبىرىكى»دىن پايدىلىنىپ باغۋەنلەرنىڭ سېتىش يولىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

8-ئاينىڭ 17-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسى قارا بۇغرا بازىرىدىكى باغۋەن مۇخبىرغا توغاچ شاپتۇلنى كۆرسەتمەكتە.

جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

8-ئاينىڭ 17-كۈنى، يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسى كۈنەس ناھىيەسى قارا بۇغرا بازىرىدا باغۋەنلەرنىڭ توغاچ شاپتۇل ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە.

جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

  يېقىندا، قۇتۇبى ناھىيەسى ئەرشىلدەن بازىرى تيەنفۇ كۆچەت يېتىشتۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۆستۈرگەن 1800 مو يەردىكى شياڭفېي تاشئالمىسى پىشىپ، ئۈزۈش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، كوپىراتىپ ئەزالىرى ئۈزۈش، ئايرىش، ماشىنىغا قاچىلاش ئىشلىرىنى جىددى قىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى.

8-ئاينىڭ 18-كۈنى، كوپىراتىپ ئەزالىرى شياڭفېي تاشئالمىسى ئۈزمەكتە.

مارىنا پولات فوتوسى

8-ئاينىڭ 18-كۈنى، كوپىراتىپ ئەزالىرى شياڭفېي تاشالمىسىنى ئىلغىماقتا.

مارىنا پولات فوتوسى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، «دېھقان ئائىلىسى + كارخانا»دىن ئىبارەت كەسىپلەشكەن زاكاز قىلىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دېھقانلار بىلەن كارخانىلارنى تەڭ مەنپەئەتلەندۈردى.

8-ئاينىڭ 18-كۈنى، باغراش ناھىيەسىنىڭ تابانجۆكىن يېزىسى كۆكمودۇن كەنتىدە تېرىلغان 350 مودىن ئارتۇق سانائەت شوخلىسى يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى، چوڭ تىپتىكى شوخلا يىغىۋېلىش ماشىنىلىرى ۋە توشۇش ئاپتوموبىللىرى ئېتىزدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.

خۇ شىچى فوتوسى

8-ئاينىڭ 18-كۈنى، باغراش ناھىيەسى تابانجۆكىن يېزىسى كۆكمودۇن كەنتىدە تېرىلغان 350 مودىن ئارتۇق سانائەت شوخلىسى يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى، چوڭ تىپتىكى شوخلا يىغىۋېلىش ماشىنىلىرى ۋە توشۇش ئاپتوموبىللىرى ئېتىزلاردا موكىدەك ئۆتۈشۈپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.

خۇ شىچى فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش