دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

شىنجاڭغا كېلىپ گۈل تاماشا قىلىش، مەنزىرە تاماشا قىلىش، رەڭلەرنى تاماشا قىلىش
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-08-16 12:50:20

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بۇ مەزگىلدە شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىدۇ. قېنى كېلىڭ، بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى ~

 سانجى شەھىرى بىڭخۇ بازىرى يىڭفېڭ كەنتىدىكى 100 مو نېلۇپەرلىككە ئېگىزدىن نەزەر (8-ئاينىڭ 9-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭخۇ بازىرى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا-كەنت ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سەيلە-ساياھەت، ئىستىراھەت، ھېس قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن يېزا-كەنت ساياھىتى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

 سانجى شەھىرى بىڭخۇ بازىرى يىڭفېڭ كەنتىدە 100 مو يەردىكى نېلۇپەر گۈللىرى بەس ـ بەستە ئېچىلدى ( 8-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان).

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى 

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساياھەتچىلەر سانجى شەھىرى بىڭخۇ بازىرى يىڭفېڭ كەنتىدە گۈل سەيلىسى قىلماقتا.

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر چاغانتوقاي ناھىيەسى جىنيۈ ئېكولوگىيە باغچىسىدا گۈل سەيلىسى قىلماقتا. نۆۋەتتە، چاغانتوقاي ناھىيەسى جىنيۈ ئېكولوگىيە باغچىسى «كېپىنەك مۇھەببىتى» باش تېمىسىدىكى گۈل دېڭىزىدا گۈل ـ گىياھلار بەس ـ بەستە ئېچىلىپ، گۈل دېڭىزىغا ئايلىنىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى بەس ـ بەستە كېلىپ گۈل سەيلىسى قىلىشقا، داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاغانتوقاي ناھىيەسى ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىلگىرىكى قاقاسلىقنى باغچىلاشقان گۈللۈككە ئايلاندۇردى.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسى جىنيۈ ئېكولوگىيە باغچىسىدىن بىر كۆرۈنۈش.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر چاغانتوقاي ناھىيەسى جىنيۈ ئېكولوگىيە باغچىسىدا گۈل سەيلىسى قىلماقتا.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى 

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرى تاغلاق كەنتىدىكى گۈييۈەن تيەنجۈ · تاغلاق كەنتى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا. مەنزىرە رايونىدىكى تۆمۈر چوققىسى، يۈنشاڭ يايلىقى، تىيانشان گۈل دېڭىزى قاتارلىق گۈزەل مەنزىرىلەر نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

باۋ لياڭتىڭ فوتوسى 

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرى تاغلاق كەنتىدىكى گۈييۈەن تيەنجۈ · تاغلاق كەنتى مەنزىرە رايونىدا ئاتلىق سەيلە قىلماقتا.

باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساياھەتچىلەر باغراش ناھىيەسىنىڭ تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى كېرىمخار كەنتىدىكى لىڭفېڭ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئاپتاپپەرەسلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە. ھازىر، بۇ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى 1200 مودىن ئارتۇق ئاپتاپپەرەس راسا چېچەكلەش مەزگىلىگە كىردى، ئالتۇندەك  گۈل دېڭىزى بىر پارچە گۈزەل سەھرا مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىپ، باغراش ناھىيەسىنىڭ يېزا ـ كەنت ساياھىتىگە يەنە يېڭى مەنزىرە قوشۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى گۈل سەيلىسى قىلىپ سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى «كەسىپ تەرەققىياتى + مەدەنىيەت ساياھىتى + ئېكولوگىيەلىك سەيلە ـ ساياھىتى» تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چۆرىدەپ، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىدا ماڭدى.

خۇ شىچى فوتوسى

 باغراش ناھىيەسى تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى كېرىمخار كەنتىدىكى لىڭفېڭ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى 1200 مودىن ئارتۇق ئاپتاپپەرەسلىككە نەزەر (8-ئاينىڭ 4-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

خۇ شىچى فوتوسى

 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، باغراش ناھىيەسىنىڭ تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى كېرىمخار كەنتىدىكى لىڭفېڭ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئاپتاپپەرەسلەر راسا ئېچىلدى.

خۇ شىچى فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش