دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

سېرىق، يېشىل، كۆك... شىنجاڭغا كېلىپ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىڭ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-08-15 13:21:31

   تومۇز ئېيى، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى. قېنى بىللە كۆرۈپ باقايلى ~

  ساياھەتچىلەر مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا گۈللەرنى تاماشا قىلدى. نۆۋەتتە، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە 17 مىڭ 500 مو يەردىكى ئارپىبەدىيان گۈلى ھۈپپىدە ئېچىلىپ، ئەتراپقا خۇش ھىدى تارىدى، ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان ئارپىبەدىيان گۈلى زېمىن ئۇچىسىغا كىيگەن «ئالتۇن ساۋۇت» بولۇپ، مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ھەسەل ھەرىسىنى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈرۈپ، كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان مەنزىرىگە ئايلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

كىچىك دوستلار مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئارپىبەدىيان گۈلى ئارىسىدا ئوينىماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ساياھەتچىلەر مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئارپىبەدىيان گۈللىرى ئارىسىدا سەيلە قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

  8-ئاينىڭ 1-كۈنى، بىر ساياھەتچى سايرام كۆلىدە ئاق قۇلار بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. تومۇز ئايلىرىدا سايرام كۆلىدە تاغلار ياپيېشىل، سۇلار سۈپسۈزۈك، دولقۇنمۇ، قارىغايمۇ بار بولۇپ، ياپيېشىل ئوتلاق بىلەن كۆك ئاسمان گۈزەللىكنى تالاشتى. بۇ يەردە مەنزىرە تولىمۇ گۈزەل، ھاۋا بەكمۇ يېقىشلىق ئىدى. ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ساياھەتچىلەر ئاققۇلار بىلەن سۈرەتكە چۈشتى. ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە-مۇھىت ۋە ئۆزگىرىشچان كۆل مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرگە يېڭىچە تۇيغۇ بېغىشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. 7-ئايدا، سايرام كۆلى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

  سۈن مىڭلياڭ فوتوسى

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ساياھەتچىلەر سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.

سۈن مىڭلياڭ فوتوسى

  7-ئاينىڭ 30-كۈنى، بوشلۇقتىن بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇڭگۈر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا نەزەر سالغاندا، ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەنگەن، سۇ ئوتلىرى بولۇق ئۆسكەن، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇڭگۈر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان يەتتە ئارال بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 120 مىڭ گېكتاردىن ئاشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى يېشىل تەرەققىياتنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ھازىرغا قەدەر، ئالتاي ۋىلايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن ئۈچنى ۋە «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئەمەلىيەت يېڭىلىق يارىتىش بازىسىدىن بىرنى قۇردى.

  ئارداق بېيىسقان فوتوسى

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، بوشلۇقتىن بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇڭگۈر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا نەزەر(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ئارداق بېيىسقان فوتوسى

  كۈنەس ناھىيەسىدە يازلىق ئورمىدىن كېيىن، ئېتىزلار رەڭدارلىشىپ، سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). 8-ئاي كىرىشى بىلەن، كۈنەس ناھىيەسىدىكى 140 مىڭ مودىن ئارتۇق كۈزگى بۇغداي ئورۇلۇپ بولدى. ئورمىدىن كېيىنكى ئېتىزلاردا كومبايىننىڭ بۇغداي ئورۇغان چاغدىكى ئىزلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، خۇددى دەرەخنىڭ يىل ھالقىسىغا ئوخشايتتى. ئورۇۋېلىنغاندىن كېيىنكى سېرىق ئېڭىزلىق يېشىل زېمىن بىلەن سېلىشتۇرما بولۇپ، كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى. تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان كۆرۈنۈشتە، شەكلى ئوخشاش بولمىغان ئېڭىزلىقلار خۇددى بىر پارچە گۈزەل سۈرەتتەك كىشىنى ھەيران قالدۇردى، كىشىلەر يېڭى نۇقتىدىن ئوخشاش بولمىغان سەھرا مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇر ئالدى.

  جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

  8-ئاينىڭ 2-كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى ئالتۇن رەڭلىك بۇغدايلىق نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. يېقىندا، جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى 20 مىڭ مودىن ئارتۇق بۇغدايلىق ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، «ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي دولقۇنى پەسلى»نى كۈتۈۋالدى، يېشىل ئوتلاق، تۇتاش كەتكەن ئالتۇن رەڭلىك بۇغدايلىقلار گىرەلىشىپ كەتكەن تاغ تىزمىلىرىغا زەپمۇ ياراشقان بولۇپ، شامالدا بۇغداي دۇلقۇنى گۈزەل مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى.

  خې لۇڭ فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش