دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى بىر «تەبىئىي سۈرەتكە تارتىش زالى»
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-07-12 09:58:01

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

گىرىم قىلىش، خېرىدارلارغا كىيىم تاللاپ بېرىش، ئوبراز لايىھەلەش... 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سائەت 10دا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئارىيا يولىغا جايلاشقان سەنماۋ ساياھەت سۈرەتخانىسى قىزىپ كەتتى. «بۈگۈن زاكاز قىلغان خېرىداردىن ئونى بار» دېدى سۈرەتخانا ئىگىسى ما جىتىڭ سۈرەتخانىغا كىرگەن خېرىدارلار بىلەن سالاملاشقاچ تونۇشتۇرۇپ.

رەڭدار، خاسلىققا ئىگە كىيىم - كېچەك، نەپىس، ئۆزگىچە باش بېزەكلىرى پۈتۈن سۈرەتخانىنى مىللىيچە تۈسكە ئىگە قىلغانىدى. سۈرەتخانىدا كۆپىنچە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەتلىرى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، يەنە قازاق مىللىتى، تاجىك مىللىتى قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خاسلىققا ئىگە كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەتلىرى بار. قۇربان ھېيت مەزگىلىدىكى ساياھەتچىلەر كىچىك يۇقىرى پەللىسى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر كۈنى يەنىلا نۇرغۇن ساياھەتچى سۈرەتخانىغا كېلىپ سۈرەتكە چۈشىدۇ.

«سۈرەتخانىدا 150 قۇر خاسلىققا ئىگە كىيىم - كېچەك بار، پاسونى كۆپ، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ» دېدى ما جىتىڭ مۇخبىرغا. پەرداز ئۈستىلىدىكى جازىغا يەنە ھەر خىل نەپىس ھالقا، زەنجىر، چاچ بېزىكى قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى ساياھەتچىلەرنىڭ تاللىشىغا قويۇلغانىدى.

ما جىتىڭ يىنچۇەنلىك، ئۇنىڭ قەدىمىي شەھەر بىلەن باغلانغان رىشتىسى توغرىسىدىكى ھېكايىنى 2017 - يىلىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

شۇ يىلى، تويلۇق سۈرەتكە تارتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ما جىتىڭ قەشقەرگە خىزمەتكە ئەۋەتىلدى. ئۇ ھەر كۈنى شىركەت بىلەن ياتاق ئارىسىدا قاتناش جەريانىدا، ھەمىشە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئالدىدا نۇرغۇن ساياھەت ئاپتوبۇسىنىڭ توختىتىپ قويۇلىدىغانلىقىنى كۆرەتتى. «بىرىنچى قېتىم قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە بارغاندا، مېنى بۇ <تەبىئىي سۈرەتكە تارتىش زالى> جەلپ قىلىۋالدى». ما جىتىڭ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا، مەن تويلۇق سۈرەتخانىسىنى قەدىمىي شەھەرگە كۆچۈرۈپ كىرىش ئويىغا كەلگەنىدىم.

«دەسلەپتە، بىز پەقەت قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى تويلۇق سۈرەتكە چۈشىدىغان تاشقى مەنزىرە رايونى قىلغانىدۇق، كېيىن مەن قەدىمىي شەھەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، بىز دائىم كۆرۈنۈش قىلىپ سۈرەتكە تارتىدىغان ئادەتتىكى كوچىلارغا بارساق، يەنە ئۆچرەتتە تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. مەن قەدىمىي شەھەردە سۈرەتخانا ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنى خاسلىققا ئىگە كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەتلەر بىلەن قەدىمىي شەھەرنى ئايلىنىپ، ئەڭ گۈزەل دەقىقىلەردىن خاتىرە قالدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان ۋاقىت كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم.» ما جىتىڭ مۇنداق دېدى: 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا سەنماۋ ساياھەت سۈرەتخانىسى رەسمىي تىجارەت باشلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدىغان 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى − قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە خاسلىققا ئىگە كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەتلەر بىلەن بىر گۇرۇپپا گۈزەل سۈرەتكە چۈشۈش نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىنكى چوقۇم تاللايدىغان تۈر بولۇپ قالدى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ساياھەت سۈرەتخانىلىرىمۇ ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئىككىدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىر 200دىن ئاشتى، ھەر كۈنى كۈتۈۋالىدىغان ساياھەت سۈرىتىگە چۈشىدىغان ساياھەتچى 1000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىپ، ھەربىر خېرىدارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ؟

ما جىتىڭ كوللېكتىپىنى باشلاپ، قەدىمىي شەھەردە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىش، كونا سۈرەتلەرنى كۆرۈش، ماتېرىيال كۆرۈش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە سۈرەتكە تارتىش ئىلھامى ئۈستىدە ئىزدەندى، قەدىمىي شەھەردىكى تىككۈچىلىك دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خاسلىققا ئىگە كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەتلەرنى لايىھەلىدى ۋە تىككۈزدى، ياساتتى، يەنە ساپال، مىللىي چالغۇ قاتارلىق سۈرەت جابدۇقلىرىنىمۇ قەدىمىي شەھەردىن تېپىپ كەلدى. «سۈرەتخانا ئېچىلغان دەسلەپكى ئىككى ئايدا، بىزدە پەقەت ئىككى قۇر كىيىم، بىر دوپپىلا بار ئىدى، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان بۇ باش بېزەكلىرىنى گىرىمچىك ئۆزى لايىھەلەپ ياساتقان.» ما جىتىڭنىڭ كۆزلىرى ئىپتىخارلىققا تولغانىدى.

ما جىتىڭنىڭ 2 - ساياھەت سۈرەتخانىسى − شىيۈ ساياھەت سۈرەتخانىسىمۇ ئېچىلدى. مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى ياخشى، تارتقان سۈرەتلىرى ئېسىل بولغاچقا، نامىنى ئاڭلاپ سۈرەتخانىغا كېلىپ سۈرەتكە چۈشىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. «بىز ھەر كۈنى سائەت 9دىن ئاشقاندا سۈرەتخانىنى دەل ۋاقتىدا ئاچىمىز، ئىككى سۈرەتخانىغا بۇ يىل يەتتە گۇرۇپپا گىرىمچىك، فوتوگراف تەكلىپ قىلىندى، سودا ياخشى چاغلاردا، تاڭ ئاتقۇچە ئالدىراش بولىمىز» دېدى ما جىتىڭ.

ساياھەت سۈرەتچىلىك كەسپىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تىجارەتچىلەرنى تەشكىللەپ بەدىئىي سۈرەت تارتىش جەمئىيىتى قۇردى. «جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىجارەتچىلەرنى <باھادا بەسلىشىش>تىن <مۇلازىمەتتە بەسلىشىش>كە ئۆزگىرىشكە يېتەكلەپ، ساياھەت سۈرەتچىلىك كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى» دېدى ما جىتىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش