دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

كارىزدا سالقىنلىقتىن ھۇزۇرلىنىش
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-06-27 19:09:53

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زىڭلې فوتوسى، خەۋىرى) ياز كۈنلىرىدىكى تۇرپان ئوتتەك ئىسسىپ كەتكەن بولۇپ، تېمپىراتۇرا 40 نەچچە سىلسىيە گىرادۇسقا چىققانىدى. لېكىن، سىز يەر يۈزىدىن 10 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كارىز يېپىق ئېرىق كۆرگەزمە رايونىغا كىرىدىغان بولسىڭىز، بىردىنلا سالقىن ۋە راھەت ھېس قىلىسىز، مانا مۇشۇنداق بىر ئىسسىپ، بىر توڭلايدىغان ئاجايىپ تۇيغۇ نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

       تۇرپان كارىز سەيلىگاھى ئاپتونوم رايونلۇق كارىز تەتقىقات جەمئىيىتى 1992-يىلى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، ساياھەت، تەتقىقات، تەشۋىقات بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، كارىزنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان مەنزىرە رايونى، سەيلىگاھ ئىچىدىن ئۈچ كارىز ئېقىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، كارىز مۇزىيې سېلىنغان. مۇزېي ئىچىدە سۈرەت، كارىزنىڭ تىك شەكىلدىكى يانتۇلۇق يۈزىنىڭ ھەرىكەتچان مودىلى، كارىزنىڭ تارىخى سىزىلغان قاپارتما رەسىم ھەم كارىزغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئەمەلىي بۇيۇملار، كولاش قوراللىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كارىزنىڭ قۇرۇلمىسى، تارقىلىشى، ئىقتىدارى، تارىخىي ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار نامايان قىلىنغان. بۇ سەيلىگاھ ھازىر دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر تۇرپان كارىز سەيلىگاھى مەنزىرە رايونىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، تۇرپان كارىز سەيلىگاھى مەنزىرە رايونىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى ساياھەتچىلەرگە كارىزنىڭ قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرمەكتە.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، تۇرپان كارىز سەيلىگاھى مەنزىرە رايونىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى ساياھەتچىلەرگە كارىزنىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرمەكتە.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر تۇرپان كارىز سەيلىگاھى مەنزىرە رايونىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر تۇرپان كارىز سەيلىگاھى مەنزىرە رايونىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر تۇرپان كارىز سەيلىگاھى مەنزىرە رايونىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر تۇرپان كارىز سەيلىگاھى مەنزىرە رايونىدا كارىزنىڭ يەر يۈزىدىكى تىك قۇدۇق ئېغىزىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچى تۇرپان كارىز سەيلىگاھى مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر تۇرپان كارىز سەيلىگاھى مەنزىرە رايونىدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا سەيلە قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش